تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان قانلىق ھۇجۇمدا ئىككى ساقچى شېھىت بولدى
16 ياشلىق گۇماندار ئىزمىردا قوراللىق ھۇجۇم سادىر قىلىپ ئىككى ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، يەنە ئىككى ساقچى خادىمىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان قانلىق ھۇجۇمدا ئىككى ساقچى شېھىت بولدى
/ AA

مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۈركىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىزمىر شەھىرىدىكى بىر ساقچىخانىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى ساقچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، يەنە ئىككى ساقچى خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن 16 ياشلىق بىر گۇماندارنىڭ نەزەربەنت قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزمىرنىڭ بالچوۋا ناھىيەسىدىكى سالىھ ئىشگۆرەن ساقچى مەركىزىگە مىلتىق بىلەن ئوق چىقارغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ 16 ياشلىق ئە. ب. ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا بالچوۋادىكى ساقچىخانىغا قىلىنغان بۇ «رەزىل» ھۇجۇمدا ئىككى ساقچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، بىر ساقچىنىڭ ئېغىر، يەنە بىرىنىڭ بولسا «يېنىك» يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ۋەقەنىڭ گۇماندارى 16 ياشلىق ئە. ب. قولغا چۈشتى. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش باشلاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يارىلانغان ساقچى خادىمى 9-سېنتەبىر ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ۋە تەتبىقلاش دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى. ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ ئىزمىر جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۇنچ X سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «ۋەقە ھەققىدە ئىزمىر جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دەرھال قانۇنىي تەكشۈرۈش باشلاندى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى جۇمھۇرىيەت مۇئاۋىن باش تەپتىشى ۋە ئالتە جۇمھۇرىيەت تەپتىشى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى» دېدى ۋە قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ساقچى ئەترەتلىرى ۋەقەدىن كېيىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. ئىزمىر شەھەر باشلىقى جەمىل تۇگاي «خائىنلارچە» دەپ سۈپەتلىگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، X سۇپىسى ئارقىلىق شېھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى