ترامپ خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
ترامپ بېيجىڭ زىيارىتىنى بىر نەچچە ھەپتە كېچىكتۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۆز ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بېيجىڭدا مەتبۇئات يىغىنىدا. 2025-يىلى 10-ئاپرېل، رويتېرس. / Reuters
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 31-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە پىلان قىلىنغان خىتاي زىيارىتىنىڭ بىر قانچە ھەپتە كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، تەخمىنەن 5 ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.
خىتاي چارشەنبە (2026-يىلى 18-مارت) كۈنى پىرېزىدېنت دونالد تىرامپنىڭ پىلانلانغان خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا: «دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان رولغا ئىگە» دېدى.
لىن فامىلىلىك تەرەپلەرنىڭ «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» نى ئېيتتى، ئەمما باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.
ترامپ سەيشەنبە (17-مارت) كۈنى سەپىرىنى «قايتا تەڭشىگەنلىكى» نى ۋە بۇنىڭ «تەخمىنەن بەش ھەپتە ئىچىدە» ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا: «بىز خىتاي بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
ئۇ يەنە: «مېنىڭچە ئۇمۇ (شى جىنپىڭ) مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېدى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن «ئىنتايىن ياخشى» دەپ ئەسكەرتتى.
ئۇ خىتاي سەپىرى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بارسام دەيمەن، ئەمما ئۇرۇش سەۋەبىدىن بۇ يەردە بولۇشنى خالايمەن. بۇ يەردە بولۇشۇم كېرەك، شۇنداق ھېس قىلىۋاتىمەن.»
ئاقساراي ئىلگىرى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ 31-مارت (2026) باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پىلانلانغان سەپەرنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى، يېقىن شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن بولدى.
رايوندىكى جىددىيلىك، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم قوزغىشىدىن بۇيان كۈچەيدى؛ ئىراندا ھازىرغىچە تەخمىنەن 1300 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى دىنىي داھىي ئەلى ھامەنىېينىڭمۇ بارلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىران ئىسرائىلىيەدىن ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئۆچ ئالدى؛ شۇنداقلا ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىمۇ باشقۇرۇلىدىغانبومبا ئاتتى، ئۇچقۇ قويۇپ بەردى. ئىراننىڭ ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئادەم ئۆلۈش ۋە ئۇل-ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا بازارلىرى ھەمدە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.
تېھران يەنە 1-مارتتىن باشلاپ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىدى. بۇ ئەھۋال ترامپنى ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز يولىنى قايتا ئېچىشقا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋە خىتاينىمۇ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىشقا مەجبۇرلىدى.