سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتتى»
ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتتى؛ كەلگۈسىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
«ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتتى»
«ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتتى» / Reuters

CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا سەزگۈر زەربە بېرىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ يۈزدە 45 نى، THAAD توسۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تەخمىنەن % 50 نى تۈگەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى CNN تېلېۋىزىيە قانىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش جەريانىدا ئاساسلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپاسلىرىنى «ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتكەنلىكىنى» ۋە كەلگۈسىدىكى بىر توقۇنۇشتا زاپاس يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزى (CSIS) نىڭ يېڭى ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى يەتتە ھەپتىلىك ئۇرۇشتا، سەزگۈر زەربە بېرىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تەخمىنەن % 45 نى، THAAD توسۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ % 50 نى ئىشلەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ رەقەملەر پېنتاگوننىڭ مەخپىي مۆلچەرلىرىگىمۇ ماس كېلىدىكەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ توماخاۋك (Tomahawk) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تەخمىنەن % 30 نى، ئۇزۇن مۇساپىلىك ئورتاق ھاۋا-يەر يىراقتىن ئېتىش باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ % 20 دىن ئارتۇقىنى، SM-3 ۋە SM-6 باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭمۇ تەخمىنەن % 20 نى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پېنتاگون بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختام ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، بۇ سىستېمىلارنىڭ زاپىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

خەۋەردە، سەزگۈر ھالەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش قىسقا مۇددەت ئىچىدە مەغلۇپ بولغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرغۇدەك ئوق-دورىسىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

بىراق خەۋەردە، ئاساسلىق قورال زاپاسلىرىنىڭ ئەمدى خىتايغا ئوخشىغان بىر رەقىب بىلەن توقۇنۇشۇش ئۈچۈن يېتەرسىز ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار كېتىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پېنسىيونېر لېيتېنانت گېنېرالى، ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ دوكلاتىنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان مارك كانسىيان CNN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «يۇقىرى ئوق-دورا چىقىمى، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدە خەۋپسىزلىك يوچۇقى كۆپىيىپ كېتىشتەك بىر ۋەزىيەتنى ياراتتى. بۇ زاپاسلارنىڭ ئورنىنى قايتىدىن تولدۇرۇش ئۈچۈن بىر يىلدىن تۆت يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئېھتىياجلىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرنەچچە يىل كېرەك بولىدۇ» دېدى.

پېنتاگوننىڭ باش باياناتچىسى شان پارنېل بولسا CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئارمىيەنىڭ «پىرېزىدېنت تاللىغان ۋاقىت ۋە جايدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«(دونالد) ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيان، خەلقىمىزنى ۋە مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى قوماندانلىق ئىشتابلىرى دائىرىسىدە نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردۇق.»

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى