سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
لاۋروۋ: رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ: «ھېلىھەم ئىنچىكە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بەزى ئالاھىدە نۇقتىلار بار، ھازىر شۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىمىز» دېدى.
لاۋروۋ: رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار
FILE PHOTO: Russia's Foreign Minister Lavrov Moscow says Moscow was ready to do a deal on its war in Ukraine after Trump urged Putin to halt attacks / Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ25-كۈنى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پەيشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. لاۋروۋنىڭ بۇ سۆزى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىرىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپنىڭ بۇ چاقىرىقى، كىيېۋغا ئايلاردىن بۇيان قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ئۆلۈم-يېتىملىك ھۇجۇملاردىن كېيىن قىلىنغان ئاز ئۇچرايدىغان بىر تەنقىد سۈپىتىدە دىققەتنى تارتتى.

لاۋروۋ CBS News قانىلىغا بەرگەن سۆھبىتىدە، «بىز كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييارمىز، ئەمما ھېلىھەم ئىنچىكە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بەزى ئالاھىدە نۇقتىلار بار، ھازىر شۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىمىز» دېدى.

ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭ جۈمە كۈنى رۇسىيەگە بېرىپ، پۇتىن بىلەن ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە. لاۋروۋ سۆھبەت جەريانىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋاشىنگتون بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋروۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ «بەلكىم، بۇ ئەھۋالنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنيادىكى بىردىنبىر رەھبەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ترامپنىڭ «كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەنلىكى»نىمۇ سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كىيېۋغا قىلىنىپ، كەم دېگەندە 12 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، پۇتىنغا بىۋاسىتە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلدى. بۇ ھۇجۇملار، ترامپنىڭ قان تۆكۈلۈشنى تېزلىكتە ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن بىرى ئىدى.

ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن رازى ئەمەسمەن. بۇ ھۇجۇملار كېرەكسىز ھەمدە ۋاقتىمۇ ئىنتايىن نامۇۋاپىق. ۋىلادىمىر، توختا» دېگەنىدى. رۇسىيەگە يان باسقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ترامپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىمۇ دائىم تەنقىدلەپ كەلمەكتە.

ترامپ مۇخبىرلارنىڭ <موسكۋانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىدە قايسى مەسىلىلەردە يول قويىدىغانلىقى> توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «پۈتۈن دۆلەتنى ئېلىشتىن ۋاز كېچىش، خېلى زور بىر يول قويۇش» دېدى.

رۇسىيە 2022-يىلى ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، دۆلەتنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىشغال قىلىشنى پىلانلىغانىدى، ئەمما شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ھەر ئىككى تەرەپكە زور چىقىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئايىغى چىقماس قانلىق بىر ئۇرۇش پاتقىقىغا كىرىپ قالدى.

قىرىم مەسىلىسى

زېلېنىسكىي ئاخىرقى ھۇجۇملاردىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا زىيارىتىنى يېرىمدا توختىتىپ كىيېۋغا قايتتى. ئۇ باياناتىدا، پۇتىننى تولۇق ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن كىيېۋنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ-كۆرسەتمىگەنلىكىنى سورىدى.

ترامپنىڭ ئىلگىرى توقۇنۇشنى توختاتمىغان ئەھۋالدا بۇنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا موسكۋانى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن زېلېنىسكىي، «رۇسىيەگە قارىتا كۈچلۈك بىر بېسىم ياكى يېڭى ئېمبارگو پىلانلىرىنى كۆرمىدىم» دېدى. ترامپ چارشەنبە كۈنى زېلېنىسكىينى، رۇسىيەنىڭ قىرىم ئۈستىدىكى ھوقۇق تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىپ، تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن، ھەتتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، قىرىمنىڭ «يىللار ئىلگىرى قولدىن كەتكەنلىكى»نى ئېيتقانىدى.

موسكۋا قىرىم يېرىم ئارىلىنى 2014-يىلى ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى. زېلېنىسكىي قىرىم ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋابەن: «شېرىكلىرىمىز تەكلىپ قىلغان ھەممە نەرسىنى قىلىمىز؛ پەقەت قانۇنلىرىمىز ۋە ئاساسىي قانۇنىمىزغا زىت بولغان ئىشلارنى قىلالمايمىز» دېدى.

بۇنىڭغا قارىتا، ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې پەيشەنبە كۈنى، سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلىشى كېرەك بولغان تەرەپنىڭ كىيېۋ ئەمەس، موسكۋا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رۇتتې ترامپ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا: «توپ ھازىر ئېنىقلا رۇسىيەنىڭ مەيدانىدا» دېدى.

«خارابىلىكلەر ئاستىدىن قۇتقۇزۇلدى»

رۇسىيە چارشەنبە كۈنى كېچە ۋە پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بويىچە، ئۇكرائىناغا كەم دېگەندە 70 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 145  ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئاساسلىق نىشانى كىيېۋ بولغان.

ئۇكرائىنا دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى: «سائەت 17:30 (14:30 GMT) غىچە، كىيېۋنىڭ سۋىياتوشىنسكىي رايونىدىكى قازا قىلغانلار سانى 12 گە يەتتى، يارىلانغانلار سانى بولسا 90 غا چىقتى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئىدارە يەنە، رۇسىيەنىڭ راكېتا يېقىلغۇسى ۋە پارتلاتقۇچ دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئە سانائىتىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ CBS News  قانىلىنىڭ ھۇجۇملار ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋابەن: «بىز پەقەت ھەربىي نىشانلارنى ياكى ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان پۇقرالار ئولتۇراق جايلىرىغا زەربە بېرىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان بىر ئورۇن بولسا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىكى قوماندانلارنىڭ بۇ نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ھۇجۇملىرى داۋامىدا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باشقا شەھەرلەرگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولغان كىيېۋغا قىلىنغان ھۇجۇملار نىسبەتەن ئاز يۈز بەرمەكتە.

ئۇكرائىنا رەھبىرى زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇملاردا شىمالىي كورېيەدە ياسالغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى. كىيېۋدا ياشايدىغان 33 ياشلىق ئادۋوكات ئولېنا داۋىديۇك فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، دېرىزىلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى ۋە ئىشىكلەرنىڭ «پاچاقلىنىپ كەتكەنلىكىنى» كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە «كىشىلەر خارابىلىكلەر ئاستىدىن قۇتقۇزۇلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

زېلېنىسكىي كىيېۋ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، رۇس قىسىملىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا مۇداپىئە لىنىيەلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. زېلېنىسكىي X سەھىپىسىدە: «ئاساسەن، رۇسلار چوڭ ھۇجۇمدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تىرىشتى. قىسىملىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە مەركەزلەشكەن پەيتتە، رۇسلار قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى