خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نورۋېگىيە فىرانسىيەنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا كىرىدىغان بولدى
ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلار رۇسىيەگە ۋە ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك ۋەدىسىگە ئالاقىدار ئەندىشەلەر سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك رايونلۇق بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنى ئىزدەۋاتقان بىر مەزگىلدە، نورۋېگىيە فىرانسىيەنىڭ يادرو قوغداش تەشەببۇسىغا قاتنىشىدۇ.
نورۋېگىيە فىرانسىيەنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا كىرىدىغان بولدى
نورۋېگىيە فىرانسىيەنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا كىرىدىغان بولدى / Reuters

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جوناس گاھر ستۆئېر،  ياۋروپادا ئامېرىكانىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە بولغان ساداقىتىگە ئالاقىدار ئەندىشىلەر ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، نورۋېگىيەنىڭ فىرانسىيەنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نورۋېگىيەنىڭ بۇ قەدىمى مۇھىم دەپ قارالماقتا. چۈنكى دۆلەت ئۇزۇندىن بۇيان بىخەتەرلىكىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋاشىنگتون بىلەن يېقىن ماسلىشىش ئىچىدە تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئاتلانتىك تەرەپدارى دۆلەت سۈپىتىدە تونۇلاتتى.

ستۆئېر چارشەنبە چۈشتىن كېيىن پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشۈش ۋە فىرانسىيە بىلەن يېڭى بىر مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن پارىژغا باردى. كېلىشىم، نورۋېگىيەنىڭ فىرانسىيە رەھبەرلىكىدىكى يادرو قورال تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ستۆئېر نورۋېگىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى NTB غا بەرگەن باياناتىدا: «بۇنى ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋەزىيىتىنىڭ يورۇقلۇقىدا قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ يادرو ساھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چۆڭ كۆلەملىك قايتىدىن قوراللىنىشى ۋە باشقا بىر ياۋروپا دۆلىتىگە قاراتقان تولۇق ئۇرۇش يۈرگۈزۈشىمۇ كىرىدۇ» دېدى.

ستۆئېر تىنچلىق مەزگىلىدە نورۋېگىيەگە يادرو قوراللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىقىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

5.6 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئىسكاندىناۋىيە دۆلىتى ناتوغا ئەزا، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس ۋە دۆلەتنىڭ شىمالىدا رۇسىيە بىلەن چېگراسى تۇتىشىدۇ.

فىرانسىيە مارت ئېيىدا يادرو قالقاننىڭ قوغدىشىنى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىمۇ كېڭەيتىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ، ئەمەلىيەتتە نورۋېگىيەگە قارىتىلغان بىر ھۇجۇمنىڭ فىرانسىيەنىڭ يادرو جاۋابىنى قوزغىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

نورۋېگىيە، رۇسىيە بىلەن چېگراسى تۇتىشىدىغان پولشا ۋە لىتۋانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەنىڭ يادرو قوغدىشى ئاستىغا كىرگەن ئاخىرقى دۆلەت بولدى.

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا رۇسىيە ۋە ئامېرىكا، ھەر بىرى 5 مىڭدىن ئارتۇق يادرو ئۇرۇش بېشى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ يادرو كۈچلىرى ئورنىدا تۇرىدۇ. خىتاينىڭ تەخمىنەن 500، فىرانسىيەنىڭ 290، ئەنگلىيەنىڭ بولسا 225 يادرو ئۇرۇش بېشى باردۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - France to increase nuclear arsenal as Macron announces shift in atomic doctrine

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى