خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن 17-سېنتەبىرگىچە مەملىكەت بويىچە جەمئىي 18 كىشىنىڭ  «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 15 كىشى كەيپ تاۋن شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي كەيپ ئۆلكىسىدە، 3 كىشى گاۋتېڭدا، 1 كىشى كۋازۇلۇ-ناتال ئۆلكىسىدە  «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

يەرلىك تارقىلىشنىڭ تېزلىشىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىرلىق 13 كىشىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىن 17-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ۋىرۇسنىڭ يەرلىك قاتلامدا تېز تارقىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

 ھازىرغىچە يۇقۇملانغانلارنىڭ يېشى 23 تىن 50 كىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ 17سى ئەر، بىرى ئايال ئىكەن.

باياناتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى بىلەن چەكلىك مىقداردا MVA-BN ۋاكسىنىسى ۋە Tecovirimat دورىسىنىڭ تەمىنلەنگەنلىكى، بۇلارنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«M چېچىكى» ۋىرۇسى ھەققىدە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، «M چېچىكى» ۋىرۇسى Poxviridae ئائىلىسىگە ۋە Orthopoxvirus تۈرىگە تەۋە ۋىرۇستىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر. كېسەللىكنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى قاتتىق قىزىش، باش، بەل ۋە مۇسكۇل ئاغرىقى، لىمفا بەزلىرىنىڭ ئىششىشى، چارچاش، توڭۇش، تىترەش ۋە تېرىدە سۇ چېچىكىگە ئوخشاش قاپارتما پەيدا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ۋىرۇس چاشقان ۋە تىيىنغا ئوخشاش غاجىغۇچى ھايۋانلاردىن ياكى يۇقۇملانغان كىشىلەردىن يۇقىدۇ.

بەدەندىكى قاپارتمىلارغا تېگىش، بۇلار بىلەن بۇلغانغان كىيىم-كېچەك، كارىۋات يوتقانلار، لۆڭگە ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بويۇملارنى ئىشلىتىش ھەمدە بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋىرۇس يۇقۇشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى