خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىلغۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن دىزېل ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ زاپاس يېقىلغۇسىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۇنيادىكى يېقىلغۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ دىزېل ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ يېقىلغۇ زاپاسلىرىنى  دەرھال ئەركىن قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

 پىرېزىدېنت ترامپ ھەپتە ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىزېل ئېكسپورتىنى مەنئىي قىلىش مەسىلىسىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت  ياۋروپالىق شېرىكلەرنىڭ ھازىرقى كېلىشىملەر بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى تېزلىتىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۈزۈلۈشلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە مەنبەلەرنى دەرھال ھازىرلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بېسسېنت ئامېرىكا دېھقانلىرى، يۈك ماشىنىسى شوپۇرلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ بۇ ئېغىر يۈكنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فېۋرال ئېيىدىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقان ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ كەتكەن تەننەرخ ۋە نويابىر ئېيىدىكى ئارىلىق سايلاملىرى ھارپىسىدا، سايلىغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىگە ئايلانغان دىزېل قىسلىقى ۋاشىنگتوندا جىددىي سىگناللارنىڭ چىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكا دۇنياغا كۈنىگە 1 مىليون 200 مىڭدىن 1 مىليون 500 مىڭ ۋارىلغىچە دىزېل ئېكسپورت قىلىدىغان ھالقىلىق تەمىنلىگۈچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكانىڭ دىزېل ئېكسپورتىنى مەنئىي قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپالىق شېرىكلەر كىرىزىس مەركىزى قۇردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مال ئەۋەتىشكە قويۇلۇشى مۇمكىن بولغان چەكلىمە باشقا دۆلەتلەردىكى باھانىڭ تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دۇنيادىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى فېۋرالدا ئىراندا باشلانغان ئۇرۇشتىن كېيىن ئۆرلەشكە باشلىغان ئىدى. دۇنيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى توشۇلىدىغان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىم دىزېل تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولغان رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتنى چەكلىشىمۇ باھا بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى