دانىيە باش مىنىستىرى ترامپنى گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىش تەھدىتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى
دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن: «ئامېرىكانىڭ دانىيە پادىشاھلىقى تەركىبىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىرىنى قوشۇۋېلىش ھوقۇقى يوق» دېدى.
دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «The Atlantic» ژۇرنىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە گىرېنلاندىيەنى ئىگىلەش ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ترامپنى بۇ خىلدىكى تەھدىتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.
فرېدېرىكسېن يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا: «ئامېرىكانىڭ گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىش ھەققىدە سۆزلىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئامېرىكانىڭ دانىيە پادىشاھلىقىغا تەۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىرىنى قوشۇۋېلىش ھوقۇقى يوق» دېدى.
ترامپ ژۇرنالغا بەرگەن زىيارىتىدە: «بىزگە گىرېنلاندىيە جەزمەن لازىم، مۇداپىئە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار» دېگەنىدى.
ئۇ بۇ باياناتنى ئامېرىكانىڭ ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرۇنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ بۇ لاتىن ئامېرىكاسى دۆلىتىنى باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدىن بىر كۈن كېيىن بەردى. بۇ ئەھۋال دانىيەدە، ئوخشاش بىر تەقدىرنىڭ دانىيە تېررىتورىيەسى بولغان گىرېنلاندىيەنىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلدى.
فرېدېرىكسېن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكانىڭ تارىخىي يېقىن ئىتتىپاقدىشىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ سېتىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان باشقا بىر دۆلەتكە، باشقا بىر خەلققە قاراتقان تەھدىتلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى قەتئىي تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى.
ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئارال
ترامپ 21-دېكابىر لۇئىسانا ئىشتاتى باشلىقى جېف لاندرىنى گىرېنلاندىيەگە ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ تەيىنلىدى. ۋاشىنگتوننىڭ بايلىقى مول ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى بۇ ئارالغا بولغان قىزىقىشى دانىيە ۋە گىرېنلاندىيەنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. ترامپ دانىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان بىر رايونى بولغان گىرېنلاندىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلماقتا، لاندرىمۇ بۇ پىكىرنى ئوچۇق قوللايدۇ.
گىرېنلاندىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئامېرىكا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقلا، ئارالنىڭ مول كان بايلىقى ئامېرىكانىڭ خىتايدىن قىلىدىغان ئېكسپورت بېقىنىشنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە جەلپكارلىققا ئىگە. گىرېنلاندىيە سابىق دانىيە مۇستەملىكىسى بولۇپ، 2009-يىلدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن مۇستەقىللىق جاكارلاش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا دانىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كەلمەكتە.