ئەلى لارىجانى: ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ

ئىران دۆلەت ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى كاتىپى ئەلى لارىجانى تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەتلەرنى قايتا باشلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

By
ئايرىم بىر يازمىدا، لارىجانى مۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى. / Reuters

دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلغان لارىجانى، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرمايدىغانلىقىنى قەتئىي شەكىلدە جاكارلىدى.

لارىجانى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تە تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «The Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ ئۆزىنى ئومان ئارقىلىق ۋاشىنگتون بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دېگەن خەۋىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق شەكىلدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەيمىز» دېدى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران ھەققىدىكى باياناتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

لارىجانى ترامپنى «قۇرۇق خىياللار بىلەن رايوننى قالايمىقانچىلىققا سۆرەپ كىرىش» بىلەن ئەيىبلەپ: «ئۇ ھازىر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. ترامپ ئۆز خام خىياللىرى بىلەن ”ئامېرىكا ھەممىدىن ئەۋزەل“ شوئارىنى ”ئىسرائىلىيە ھەممىدىن ئەۋزەل“ ھالىتىگە كەلتۈردى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھوقۇق تاماسى ئۈچۈن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قۇربان قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە ترامپنىڭ يېڭى يالغانلار بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتى، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانىدى. تېھران ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە قارىتا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە راكېتا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە 3 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلۈپ، 5 ئەسكەر ئېغىر يارىلانغانىدى.