خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تىك-توك ۋە يۇتيۇب ھىندونېزىيەدە بالىلارغا تەۋە 4.7 مىليون ھېساباتنى تاقىدى
ھىندونېزىيە ئۇچۇر-ئالاقە ۋە رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرى مەئۇتيا ھافىد: «قانۇنغا رىئايە قىلىش مەسىلىسىدە ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېدى.
تىك-توك ۋە يۇتيۇب ھىندونېزىيەدە بالىلارغا تەۋە 4.7 مىليون ھېساباتنى تاقىدى
[FILE]: مەزكۇر بەلگىلىمە 28-مارتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باسقۇچلارغا بۆلۈنۈپ ئىجرا قىلىنماقتا. / AP

ھىندونېزىيە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى مەئۇتيا ھافىد ئىجتىمائىي تاراتقۇ چەكلىمىلىرىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىشى بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىدىن تىكتوك (TikTok) ۋە يۇتيۇب (YouTube) نىڭ 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تەۋە بولغان جەمئىي 4 مىليون 700 مىڭغا يېقىن ھېساباتنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇچۇر-ئالاقە ۋە رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرى مەئۇتيا ھافىد پەيشەنبە كۈنى كېچىدە بايانات ئېلان قىلىپ، باش ئىشتابى خىتايدىكى بىر تېخنىكا شىركىتى بولغان بايتدانس (ByteDance) تەرىپىدىن لايىھەلەپ چىقىلغان تىكتوكنىڭ 4.1 مىليون ھېساباتنى، ئالفا-بەت (Alphabet) كە قارايدىغان گۇگۇلنىڭ سىن سۇپىسى بولغان يۇتيۇبنىڭ بولسا 600 مىڭ ھېساباتنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، مىنىستىرلىقنىڭ باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭمۇ بۇ قەدەمنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەر ئىككى شىركەت بۇ مەسىلە توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ھىندونېزىيە مارت ئېيىدا، يۇقىرى خەۋپلىك دەپ باھالانغان سۇپىلارغا ئىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تەۋە ھېساباتلارنى تاقىشىنى شەرت قىلىدىغان بىر بەلگىلىمىنى ئېلان قىلدى.

ھازىرغىچە بۇ دائىرىدە باھالانغان سۇپىلار ئارىسىدا X، مېتا (Meta) غا تەۋە بولغان ئىنىستاگرام (Instagram) ۋە ئويۇن سۇپىسى روبلوكىس (Roblox) قاتارلىقلار بار.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور مۇشتۇمزورلۇقى ۋە خۇمار بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىش مەقسىتىدە يولغا قويغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ چەكلىمىلىرى، ياشلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن سەلبىي تەسىرلىرىگە بولغان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى يولغا قويغان چەكلىمىسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ يېڭىچە يۈزلىنىشتىكى تەدبىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئائىت ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن ئوخشاش قەدەملەرنى تاشلاشنى خالايدىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.

ئەنگلىيە بۇ ئايدا ئويۇن ۋە نەق مەيدان تارقىتىش سۇپىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ