سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ قاتار زىيارىتىدىن ئىلگىرى سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) بىلەن كۆرۈشىدۇ
ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان ۋە تۈركىيە رەئىسى تەييىپ ئەردوغان ئۆزىنى سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قەدىمىنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ قاتار زىيارىتىدىن ئىلگىرى سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) بىلەن كۆرۈشىدۇ
ترامپ بىلەن شارانىڭ ئۇچرىشىشى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان بارلىق ئېمبارگولارنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۈتۈلمىگەن باياناتىدىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ ئەندىشىلىرىگە قارىماي، سەيشەنبە كۈنى رىيادتا قىلغان نۇتقىدا سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن رىيادقا كېلىدىغان سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) غا «سالام قىلىش»نى [كۆرۈشۈشنى] قوبۇل قىلدى.

ترامپنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكاغا 600 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش ۋەدىسى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ پادىشاھلىققا 142 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىشى قاتارلىقلارغا سەھنە بولغان ھەشەمەتلىك مۇراسىملار ۋە سودا كېلىشىملىرى ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

چارشەنبە كۈنى ترامپ قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا بېرىپ، ئەمىر شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Celebrations in Damascus as Syria calls Trump's decision to lift sanctions 'a turning point'

ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان قاتارنىڭ، ئامېرىكاغا يۈز مىلياردلىغان دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئامېرىكانىڭ يەنە بىر ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيە، سۈرىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، ترامپ سەيشەنبە كۈنى قىلغان باياناتىدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ قەدەمنى بېسىشى ئۈچۈن ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا سۈرىيەنىڭ سابىق رەھبىرى بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ رەھبىرى بولغان شارا (شەرئ) بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشى، ۋاشىنگتوننىڭ دەمەشق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەڭشەش مەسىلىسىدىكى ئەستايىدىللىقىنى باھالاشنى خالايدىغان كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ.

قاتار زىيارىتىدىن كېيىن ترامپ، پەيشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇدابىگە بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. جۈمە كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىشى پىلانلىنىۋاتقان ترامپ، بۇ پىلانغا قوشۇمچە قىلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىينىڭ ئۇچرىشىشىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى