خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۇماترادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دائىرىلەر ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان نۇرغۇن رايونلارغا يېتىپ بېرىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.
سۇماترادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
سۇماترادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

ئاپەت باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھىندونېزىيەدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

غەربىي سۇماترا رايونلۇق ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئىلھام ۋاھاب جۈمە كېچىسى بەرگەن باياناتىدا: «بۈگۈن كەچكىچە بولغان ئارىلىقتا 61 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، يوقاپ كەتكەن 90 كىشىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي سۇماترادا 116 كىشى، ئاچې ئۆلكىسىدە كەم دېگەندە 35 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇخاريانتو، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىمالىي سۇماترانىڭ ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى تۆتىنچى كۈنىدە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى مۇرەككەپ يەر شەكلى، بۇزۇلغان قاتناش يوللىرى ۋە ناچار ھاۋارايى شارائىتىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىماقتا.

تالاپەتكە ئۇچرىغان كۆپلىگەن رايونلارغا ھازىرمۇ يېتىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دائىرىلەر، ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

مۇرەككەپ يەر شەكلى شارائىتى ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ كىرىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان رايونلارغا ھاۋا يولى ئارقىلىق ياردەم يەتكۈزۈشكە تىرىشىلماقتا.

دائىرىلەر رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنى ئەڭ زىچ تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىدە سەھىيە نۇقتىلىرى ۋە خەلق ئاشخانىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھالقىلىق ئەشيا ئوبوروتى ئېھتىياجلىرىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە يوقاپ كەتكەنلەر ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى