سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئىرانغا چاقىرىق

سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ئىراننى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئىرانغا چاقىرىق / TRT Uyghur

سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ھەسەن شەيبانى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

مىنىستىر شەيبانى باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىران سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئىراننى سۈرىيەدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمىز ۋە يېقىنقى باياناتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارايمىز.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سۈرىيەنىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىنى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى» دېگەن ۋە ئىران پۇقرالىرىنى سۈرىيەگە ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغانىدى.