سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
پىرېزىدېنت ئاساسىي قانۇنغا تەھدىت سالغان ئۆكتىچىلەرنى توسۇش مەقسىتىدە يېرىم كېچىدە تويۇقسىزلا بايانات چىقىرىپ، جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.
00:00
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
#NKV04 : جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى فۆۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلدى / AFP

كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇك-يول يېرىم كېچىدە YTN تېلېۋىزىيەسىدە تۇيۇقسىزلا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. يۇن باياناتىدا، بۇ رادىكال قەدەمنى بېسىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ قەدەمنىڭ دۆلەتنىڭ ئەركىن ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى پارلامېنتنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن يۇن، بۇ ئەھۋالنىڭ دۆلەتنى كىرىزىسقا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەركىن كورېيە جۇمھۇرىيىتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ كوممۇنىست كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەختىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان شىمالىي كورېيە تەرەپدارى، دۆلەتكە قارشى رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ۋە ئەركىن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي ھالەت جاكارلايمەن» دېدى. بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت دائىرىسىدە قىلىشنى پىلانلىغان قەدەملىرى ھەققىدە ئېنىق ۋە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرمىدى.

يۇننىڭ باياناتلىرى نۇقتىلىق ھالدا  جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىققا ئىگە بولغان ئۆكتىچى دېموكراتىك پارتىيەنى زەربە ئوبيېكتى قىلدى. بۇ ھەپتە، پارتىيە بىر قانچە ئالدىنقى قاتاردىكى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن تەكلىپ سۇندى ۋە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت تەكلىپىنى رەت قىلدى. يۇننىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسىي قەدەملەر جىددىي ھالەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەقەززا قىلغان قىلىدىغان كىرىزىسنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تۆھپە قوشقان.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»