خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
ھۇجۇمدىن كېيىن نۇرغۇن كىشى ئۆيلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى

مالىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مېناكا رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىش تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

باشقۇرۇش ئورگىنى ئىداكساھاك جەمئىيىتى ئىجرائىيە ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 18-ئۆكتەبىردە مېناكا رايونىدىكى تاگادايات ئولتۇراق رايونىدا موتسىكلىت مىنىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 48 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ببىلدۈرۈلدى ھەمدە ھۇجۇمنىڭ دائىش تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە، مالى دائىرىلىرىنى رايوندا خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە يېڭى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.

نۇرغۇن كىشى ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلدى

باياناتتا، ھۇجۇمدىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆيلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، ئارىسىدا ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارمۇ بولغان ئائىلىلەرنىڭ مېناكا شەھىرىگە پاناھلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەر تارتىلغان باياناتتا، يېڭىدىن ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلغانلارنىڭ رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىداكساھاك جەمئىيىتى مىللىي ۋە خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنى جىددىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

مېناكا رايونىدىكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى

مېناكا مالى، نىگېر ۋە بۇركىنا فاسو چېگرالىرى تۇتاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى دائىشنىڭ ساھېل تارمىقىنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە.

ب د ت نىڭ مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمى، 2022-يىلى مارتتىكى مېناكا رايونىدا دائىش ئەزالىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 157 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن ئىدى.

رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار سەۋەبلىك مىڭلىغان كىشىلەر ئۆيلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا، مېناكا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى