رۇسىيەدە تېلېگرامنىڭ قۇرغۇچىسى پاۋېل دۇروۋ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاندى
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالاقە نازارەتچىلىك ئورگىنى، شىركەتنىڭ «ئاشقۇنلۇق مەزمۇنلىرىنى» ئۆچۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېلېگرامغا قارىتا چەكلىمىلەرنى قويدى.
رۇسىيەدە، تېلېگرامنىڭ قۇرغۇچىسى پاۋېل دۇروۋ ئۈستىدىن «تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. دۆلەت گېزىتى «روسسىيسكايا گازېتا» (Rossiyskaya Gazeta) بۇ خەۋەرنى فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (FSB) مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئېلان قىلدى.
دۇروۋ بىلەن مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە دەرھال ئالاقىلاشقىلى بولمىدى. تېلېگرام يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ «بۇ ئەپ جىنايى پائالىيەتلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالدى، غەرب ۋە ئۇكرائىنا ئىستىخبارات ئىدارىلىرى تەرىپىدىن سىڭىپ كىرىلدى» دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ئىدى.
«روسسىيسكايا گازېتا» گېزىتى «رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىدۇ» دېگەن ئەسكەرتىش بىلەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە: «تېلېگرامنىڭ مەسئۇلى پ. دۇروۋنىڭ ھەرىكەتلىرى، رۇسىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 205.1-ماددىسى 1.1-تارمىقى (تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش) بويىچە جىنايەت گۇمانى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
دۇنيا مىقياسىدا 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن تېلېگرام بولسا، ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى.
رۇسىيە دۆلەتلىك ئالاقە نازارەتچىلىك ئورگىنى، شىركەتنىڭ «ئاشقۇنلۇق خاراكتېرىدىكى مەزمۇنلارنى» چىقىرىپ تاشلىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى ۋە شەخسىي ئالاقىدە دۆلەتتە ئىنتايىن كەڭ قوللىنىلىدىغان تېلېگرامغا قارىتا بەزى چەكلىمىلەرنى قويدى.
موسكۋا ھۆكۈمىتى بولسا رۇسىيەلىك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى ئىشلىتىشكە سۇنۇلغان ۋە دۆلەت قوللايدىغان «MAX» ئەپىگە ئۆتۈشىنى رىغبەتلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.