سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي پۇتىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
پۇتىن شەنبە كۈنى (2025-يىلى 10-ماي) كىيېۋ ھۆكۈمىتىدىن 15-مايدىن باشلاپ ئىستانبۇلدا سۆھبەتلەرنى قايتا باشلاشنى تەلەپ قىلدى.
زېلېنسكىي پۇتىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

ئۇكرائىنا-پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا بىر قانچە ئاي داۋاملاشقان قاتماللىقتىن كېيىن، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار قايتىدىن جانىلىنىشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى پەيشەنبە كۈنى (15-ماي) تۈركىيەدە شەخسەن ئۆزى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي يەكشەنبە كۈنى ئېكس (X) بېتىدە ئۇچۇر ھەمھرلىدى. ئۇ ئۇچۇرىدا: «دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا مۇھىم ئاساس سېلىش ئۈچۈن ئەتىدىن باشلاپ تولۇق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى كۈتىمىز... تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئۇزارتىشنىڭ ھېچقانداقمەنىسى يوق. پەيشەنبە كۈنى پۇتىننى شەخسەن ئۆزەم تۈركىيەدە كۈتىمەن، بۇ قېتىم رۇسلار باھانە ئۇيدۇرماس» دېدى.

 

بۇ بايانات پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ 15-ماي (2025) دىن باشلاپ ئىستانبۇلدا ئۇكرائىنا بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ يەكشەنبە كۈنى (11-ماي) ئېكس بېتىدە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنانى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزمەكچى ئەمەس، بەلكى پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ئۇچرىشىپ، قان تۆكۈلۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى. ئۇكرائىنا بۇنى دەرھال قوبۇل قىلىشى كېرەك... مەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىسىنى تەبرىكلەش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان پۇتىن بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. .. سۆھبەتنى ھازىر باشلاڭلار!!!»

تۈركىيە پۇتىننىڭ تەكلىپىنى قارشى ئالىدۇ

پۇتىن موسكۋادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۈشەنبە كۈنى (12-ماي) تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ سۆھبەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى رەسمىي تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «رۇسىيە شەرتسىز ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇتىننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىستانبۇلدا قايتا باشلاش ھەققىدىكى باياناتىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە 2022-يىلى توختاپ قالغان سۆھبەتلەرنىڭ توختاپ قالغان يەردىن داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنىڭدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ مەسىلىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارەسى تېپىش سۆھبەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ئىستانبۇلدا 2022-يىلى مارتتا، ئۇرۇش باشلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئۆتەر-ئۆتمەيلا، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، تۆتىنچى يىلىغا كىرگەن ئۇرۇشنى توختىتىدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈلمىگەن ئىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇرۇشنى توختىتىشنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەشەببۇسچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش ۋە چارە تېپىشقا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىدى.

تۈركىيە رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Turkish president welcomes Putin’s remarks on resuming peace talks in Istanbul

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى