تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: «تۈركىيە سۈرىيەدە ئەمىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە تەييار»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەلىك مەنسەپدىشى ئەسەد شەيبانى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە ئەمىنلىك ئورنىتىشقا ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فىدان: «تۈركىيە سۈرىيەدە ئەمىنلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىشكە تەييار»
/ AA

تۈركىيە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلاپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەتتە ئەمىنلىكنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان جۈمە كۈنى سۈرىيەلىك مەنسەپدىشى ئەسەد شەيبانى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

سۆھبەت جەريانىدا، خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە ئارىلىشىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ رايون مۇقىملىقىغا ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۇۋەيدانىڭ غەربىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا بەدەۋىي قەبىلە كۈچلىرى بىلەن يەرلىك قوراللىق دۇرزى گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

يەكشەنبە كۈنى پارتلىغان چەكلىك دائىرىدىكى توقۇنۇشلار، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، قوراللىق دۇرزى گۇرۇپپىلىرى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملاردا، ھاكىمىيەتنىڭ ئونلىغان ئەسكىرى ئۆلدى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن دۇرزى گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن، قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىناۋىتىنى يوقاتتى.

ئىسرائىلىيە «دۇرزىلارنى قوغداش»نى باھانە قىلىپ، سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، چارشەنبە كۈنى دەمەشىقتىكى باش ئىشىتاب ۋە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئورۇنغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.

پەيشەنبە كېچىسى سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە يېڭى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كېلىشىم بويىچە، ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن سۈۋەيدادىن چېكىنىشكە باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى