تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
«تايفۇن» مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى
تۈركۈملەپ ياسىلىۋاتقان ئۇزۇن مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تايفۇن، يەنە بىر قېتىملىق سىناقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
«تايفۇن» مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى
تۈركىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسىغان تايفۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىندى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە تۈركۈملەپ ياسىلىۋاتقان ۋە ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىۋاتقان «تايفۇن» (Tayfun) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى،ئەڭ يېڭى سىنىقىدا نىشانغا دەل تەگدى. مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار بۇ تەرەققىياتنىڭ تۈركىيەنىڭ توسۇش كۈچىنى (دۈشمەنگە ھەيۋە كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى) مۇستەھكەملەپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياسىغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «تايفۇن» نىڭ ئوخشاش بولمىغان خىللىرىنى سىناق قىلىش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالۇق گۆرگۈن جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى  «ن سوسيال» (NSosyal) دا: «تايفۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق بىلەن، يەنە بىر ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئۇپۇقىنى كېڭەيتتى ۋە توسۇش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتتى» دەپ يازدى.

ئۇ بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ قورال-ياراغ ئامبىرىغا يېڭى قورال سىستېمىلىرىنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق ۋە يەرلىك ھەل قىلىش چارەلىرى ئارقىلىق توسۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ نەتىجە پەقەت بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشانغا تېگىشىدىن ئىبارەت ئۇتۇقلا ئەمەس، بەلكى ئىنژېنېرلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكى، ياشلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مىللىتىمىزنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۇزۇن بىر مۇساپىنىڭ پەخىرلىك يەكۈنىدۇر.»

تايفۇن ۋەزىپىگە تەييار

ئۇ ھەر بىر كۆككە كۆتۈرۈلۈشنىڭ سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ ئاسمىنىغا سىزىلغان بىر ئىشەنچ سىزىقى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر نىشانغا تەگكەن زەربىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۆز ئاسمىنىنى ئۆز قولى بىلەن قوغداش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «مەن ئىنژېنېرلاردىن تارتىپ تېخنىكلارغىچە بولغان روكەتسان (Roketsan) ئائىلىسىگە ۋە بۇ ھالقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ھەسسە قوشقان بارلىق خىزمەتداشلىرىمىزغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. نامايان قىلىنغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىقتىدار تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ جانلىق مىسالى. تۈركىيە ئالغا تاشلىغان ھەر بىر قەدىمىدە تېخىمۇ زور ئىشەنچ، كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ» دېدى.

روكەتسان (Roketsan) نىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى مۇرات ئىكىنجىمۇ سىناق ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بىلدۈرۈپ، تايفۇننىڭ ۋەزىپىگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ «ن سوسيال» دا مۇنداق دەپ يازدى: «تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئارمىيەگە تاپشۇرۇش خىزمەتلىرىمىز تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقان ‹تايفۇن› باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئەڭ يېڭى سىناقتا نىشانغا دەل تەگدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ھەسسە قوشقان بارلىق خىزمەتداشلىرىمنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.»

 

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ