تۈركىيە «ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان» غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى

ئەنقەرە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىردى.

تۈركىيە «ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان» غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى / Reuters

تۈركىيە غەززەدە ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئۇرۇش ۋەيران قىلغان بۇ رايوندىكى نازۇك ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش، ئىنسانىي ياردەم ۋە قايتا قۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىردى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى ئەسلى گۈۋەن پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «تۈركىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تولۇق ۋە دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «خەلقئارا جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىمىز، ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان ۋە مىڭبىر مۇشەققەتتە قولغا كەلگەن بۇ ئۇرۇش توختىتىشنى بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوغداش بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ۋە پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالغان گۈۋەن: «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان، سۈرىيە ۋە تېخىمۇ كەڭ رايونغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى ۋە مۇقىمسىزلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى توختىتىلىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئوتتۇرا شەرق ئۇدا ئۇرۇش دەۋرىيلىكىنى ئەمدى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئىختىلاپلار كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەمەس، دىپلوماتىك دىيالوگ ۋە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، ئىككىنچى مۇھىم نۇقتىنىڭ غەززەگە ئىنسانىي ياردەمنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەمدە «UNWRA نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ب د ت غا ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى كېچىكتۈرمەي باشلاش» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.