سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىراندا «ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش» مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى
دونالد ترامپ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج د ۋانس ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ «ئامېرىكانىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش نىيىتى يوق»لۇقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلدى.
ترامپ ئىراندا «ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش» مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى
/ AA

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھەپتە ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ مۇھىم يادرو ئوبيېكتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئىراندا ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولسا، تېھراننى قىساس ئېلىش ھەرىكىتىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازدى: «‹ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش› ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش سىياسىي جەھەتتىن بەلكىم توغرا ئەمەستۇ، لېكىن ھازىرقى ئىران ھاكىمىيىتى ‹ئىراننى قايتىدىن گۈللەندۈرەلمەيدىكەن›، نېمىشقا ھاكىمىيەت ئۆزگەرتمەيمىز؟! »

ترامپ بۇ يازمىسىنى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج د ۋانس ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېگسېت قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئامېرىكانىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن يوللىدى.

پېنتاگوندا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ھېگسېت: «بۇ ھەرىكەت ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ھەم بىزنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق نىيىتىمىز بولۇپ باقمىغان» دېدى ۋە بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى نىشان قىلغان «يۇقىرى سەزگۈرلۈكتىكى ھەربىي ھەرىكەت» دەپ تەرىپلىدى.

«يېرىم كېچە بولقىسى ھەرىكىتى»

ۋانس NBC تېلېۋىزىيەسى دېكتورى كرىستېن ۋېلكېرنىڭ بىر سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ مەيدانىمىز ئىنتايىن ئېنىق: بىز ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىشنى خالىمايمىز» دېدى.

ۋانس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشنى خالىمايمىز. مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش، ئاندىن ئىرانلىقلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش» دېدى. ۋانس يەنە ئامېرىكانىڭ «قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى»مۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«يېرىم كېچە بولقىسى ھەرىكىتى» ۋاشىنگتوندا ۋە ئامېرىكانىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ تامپا شەھىرىدىكى ئوتتۇرا شەرق ھەربىي ھەرىكەتلىرى قوماندانلىق ئىشتابىدىكى پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا مەلۇم ئىدى.

باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال دان كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ يەتتە دانە B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكادىن ئىرانغا 18 سائەت ئۇچۇپ بېرىپ، 14 ئورۇنغا ۋەيران قىلغۇچى بومبا تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئۈچ يادرو ئوبيېكتىنى نىشان قىلغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتتە 75 دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان ئوق-دورا، يىگىرمە تۆتتىن ئارتۇق توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە 125 دىن ئارتۇق ھەربىي ئايروپىلان ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتى 20 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان غەززە ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇشلار ھەمدە سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن ۋەزىيىتى قالايمىقانلاشقان بۇ رايوندا، ئوتتۇرا شەرقنى غايەت زور يېڭى بىر توقۇنۇشقا ئىتتىرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى