سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
بىلاۋال بۇتتو: ئەگەر ھىندىستان ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلسا، بىز شىملا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىمىز
پاكىستاننىڭ ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بىلاۋال بۇتتو زەرىدارى، ««ئەگەر ھىندىستان قارارلارنى ئۆز ئالدىغا يەككە ھالەتتە چىقارسا» ئىسلامئابادنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىلاۋال بۇتتو: ئەگەر ھىندىستان ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلسا، بىز شىملا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىمىز
/ Reuters
2025-يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنى

پاكىستاننىڭ ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بىلاۋال بۇتتو زەرىدارى TRT World  قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، يېڭى دېھلى بىلەن تۈزۈلگەن شىملا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما «ئەگەر ھىندىستان قارارلارنى ئۆز ئالدىغا يەككە ھالەتتە چىقارسا» ئىسلامئابادنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگتون  — پاكىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەرىدارى، ئەگەر ھىندىستان يەككە ھالەتتە ئۆزئالدىغا قارار چىقىرىشنى، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرسا، دۆلىتىنىڭ شىملا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ (PPP) رەئىسى بولغان بۇتتو زەرىدارى، TRT World  قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ يېقىنقى يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇتتو زەرىدارى ھىندىستان بىلەن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىككە قارىتا پاكىستاننىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يېڭى دېھلىنىڭ دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە ئامېرىكادا كەڭ كۆلەملىك دىيالوگ ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ۋەكىللەر ئۆمىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلاۋال بۇتتو زەرىدارى، ھىنا رەببانى خار ۋە خۇررام داستانگىر، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى شېررىي رەھمان، مۇسادىق مالىك، فەيسەل سابزۋارى ۋە بۇشرا ئەنجۇم بات، شۇنداقلا پېشقەدەم ئەلچىلەر جەلىل ئابباس جىلانى ۋە تەھمىنە جانجۇئادىن تەركىب تاپقان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەن بۇ دۆلەتكە ئاخىرقى قېتىم كەلگەندە، ھۆكۈمەت بىخەتەرلىك مېخانىزمى بىر يىغىن ئاچقان ئىدى. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىر قاتار قارارلارنى چىقاردى. بىز ئەگەر ئىندۇس سۇ كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىنسا ۋە ھىندىستان ئۆز ئالدىغا يەككە ھالەتتە قارارلارنى چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرسا، پاكىستاننىڭ شىملا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدۇق.»

ئەمما، ئۇ ھازىرغىچە ئاخىرقى قارارنىڭ چىقىرىلمىغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئېلىپ: «بۇ قارارنى ھەقىقەتەن چىقىرىپ-چىقارمىغانلىقىمىزدىن خەۋىرىم يوق. ئەمما تېخنىكىلىق جەھەتتىن بۇ ھوقۇق ساقلاپ قىلىنغان» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump 'should be celebrated' for brokering Pakistan-India truce — Bilawal Bhutto

ئىندۇس سۇ كېلىشىمى

تېخنىكىلىق جەھەتتىن شىملا كېلىشىمى ھېلىھەم كۈچكە ئىگە، ئەمما ئۇنىڭ كەلگۈسى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئېنىقسىز.

ھىندىستان پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن پاھالگام ھۇجۇمىدىن كېيىن پاكىستاننى ئەيىبلەپ، ئىندۇس سۇ كېلىشىمىنى توختىتىپ قويدى.

پاكىستان بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇنىڭغا قارىتا پاكىستان بارلىق ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرنى، جۈملىدىن شىملا كېلىشىمىنىمۇ قايتا كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرچە توختىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۆكۈمەت يەنە ۋاگاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقاشنى ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان بارلىق سودىنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ قەدەملەر پاكىستاننىڭ غەزىپىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدىكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى توڭلىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

ئۆتكەن ئايدىكى تۆت كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 10-ماي ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.

شىملا كېلىشىمى 1972-يىلى 7-ئايدا زۇلپىقار ئەلى بۇتتو ۋە ئىندىرا گەندى تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

بۇ كېلىشىم 1971-يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ھىندىستان-پاكىستان مۇناسىۋىتىگە مەلۇم دەرىجىدە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن ئىدى.

ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشەلمەسلىكلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ۋە كەشمىرنى پاكىستان ۋە ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى رايونلارغا ئايرىيدىغان كونترول لىنىيەسىگە ھۆرمەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان. شۇنداقلا ئاخىرقى بىر ھەل قىلىش چارىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشقا ۋەدە بەرگەن.

ئەمما يېقىنقى يىللاردا، پاكىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كېلىشىمنىڭ ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىگە سوئال قويۇشقا باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى