ترامپ: شى جىنپىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ۋە فېنتانىل سودىسىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەرنىڭ تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىملىرىنى كۈچەيتىش بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ، يەر شارى بازىرىنى تەۋرىتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەھدىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا ۋە فېنتانىل سودىسىغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە «ئالاھىدە مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىدىن ۋاز كېچىشىنى مىسال كەلتۈردى.
ترامپ يەنە، شى جىنپىڭنىڭ فېنتانىل سودىسىنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، فېۋرال ئېيىدا بېيجىڭغا قوللىنىلغان فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك تاموژنا باجلىرىنى %20 تىن %10 گە چۈشۈرۈش قارارىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ جەنۇبىي كورېيەدىن ئايرىلىش ئالدىدا «Air Force One» ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «سۆھبەتكە 0 دىن 10 غىچە نومۇر بېرىدىغان بولسام، 12 دەيتتىم» دېدى.
ئاقساراي سۆھبەتنىڭ رەسمىي خۇلاسىسىنى تېخى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ترامپ شى جىنپىڭنىڭ «ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە بىنائەن، فېۋرال ئېيىدا يولغا قويۇلغان فېنتانىلغا مۇناسىۋەتلىك تاموژنا باجلىرىنى %20 تىن %10 گە چۈشۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بىراق بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇرەككەپ، چۈنكى فېنتانىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم. دەرۋەقە، سىز زور پەرقنى كۆرەلەيسىز.
شى جىنپىڭ فېنتانىل سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق بەلگىلىمىلەرنى ناھايىتى قاتتىق يولغا قويىدۇ ھەمدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىدۇ.»
ئامېرىكانىڭ خىتايغا قويۇۋاتقان تاموژنا باجلىرى
ترامپ قارارلاردىن كېيىن خىتاي ماللىرىغا قويۇلۇۋاتقان ئوتتۇرىچە تاموژنا باجلىرىنىڭ %47 كە تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئىلگىرى ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان %100 لۈك قوشۇمچە تاموژنا باجلىرىنى 1 – نويابىرغىچە يولغا قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «Nvidia» شىركىتىنىڭ خىتايغا مىكروچىپ سېتىش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەمما شىركەتنىڭ ئىلغار «Blackwell» چىپ تېخنىكىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ سۆھبەتلەردە كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇرچىقىنى سېتىۋېلىشنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا دېھقانلىرى ئۈچۈن ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ 4 – ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭمۇ كېيىنچە ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارەتنىڭ قەيەردە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى قارار چىقىرىلمىدى.