پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش داۋاملاشماقتا
پاكىستان ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئافغانىستان زېمىنىدا «نۇقتىلىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف تالىباننىڭ ھازىر «ھىندىستاننىڭ بىر ۋاكالەتچىسى»گە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشقا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى. بۇ قارار ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چىقىرىلدى.
مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن كېيىن، ئىسلامئابادنىڭ كابۇلغا زوراۋانلىقنى توختىتىش تەلىپىگە ئاساسەن باشلاندى.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋاقىتنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئافغانىستان ئۆز ئارمىيەسىگە ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، ئەمما خىلاپلىق ئقىلىنغان ەھۋال ئاستىدا قايتۇرما زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف ئافغانىستان تالىبانىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدىن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىباننىڭ ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىلگىرى پاكىستان چېگراسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى ئىسلامئابادنىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. پاكىستان ئافغانىستاننى ئۆز زېمىنىدا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پاناھلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئافغانىستان بولسا ھىندىستان بىلەن ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستان پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى (TTP) تېرورچىلىرى ئۈچۈن «ھىندىستان قوللاۋاتقان پىتنە-ئەل خاۋارىج» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتمەكتە. پاكىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 500 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىلگىرى كابۇلدا پارتلاشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، رايوندىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 35 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئافغانىستان تالىبانىنى چېگرا پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن پاكىستان ئارمىيەسى، بۇ ھۇجۇملاردا 20 گە يېقىن تالىبان جەڭچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئافغانىستان تالىبانى بولسا سىپىن بولداك ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ئۆلكىسى ۋە كابۇلدا ئافغانىستان تالىبانى ۋە خاۋارىج گۇرۇپپىسىغا تەۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا قارىتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى ئەمىرخان مۇتتەقى ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا، ھىندىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
پاكىستان مۇتتەقىنىڭ ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتىن بىئارام بولدى. باياناتتا، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى كەشمىرنىڭ ھىندىستان زېمىنىدا قالغان رايونىدا يۈز بەرگەن بىر ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇ رايوننى «ھىندىستاننىڭ جاممۇ ۋە كەشمىرى» دەپ تەسۋىرلىگەن.