ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە، ئۇرۇش پاراخوتى ھادىسىسى سەۋەبلىك 3 ئەمەلدارنى قولغا ئالدى
شىمالىي كورېيە، قوغلىغۇچى پاراخوتنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك كېمىسازلىق زاۋۇتى ئەمەلدارىنى قولغا ئالدى.
شىمالىي كورېيە، ئۇرۇش پاراخوتى ھادىسىسى سەۋەبلىك 3 ئەمەلدارنى قولغا ئالدى
شىمالىي كورېيە، ئۇرۇش پاراخوتى ھادىسىسى سەۋەبلىك 3 ئەمەلدارنى قولغا ئالدى / Reuters

شىمالىي كورېيە رەسمىي ئاگېنتلىقى، يېقىندا ئۇرۇش پاراخوتىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا چېڭجىن كېمىسازلىق زاۋۇتىدىن ئۈچ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئاگېنتلىقنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرىدە، ئۇرۇش پاراخوتىدا يېڭى بىر زىياننىڭ بايقالمىغانلىقى ۋە رېمونت خىزمەتلىرىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھالقىلىق ئورۇندىكى ئۈچ خادىمنى يەنى باش ئىنژېنېر كاڭ جوڭچول، كېمە گەۋدىسى ياساش سېخىنىڭ باشلىقى ھان كيوڭھاك ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇدىرىنىڭ مۇئاۋىنى كىم يوڭھاكنى تېخىمۇ كۆپ قانۇنىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن قولغا ئالغان.

خەۋەردە ھادىسىنىڭ سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ۋەقەگە جاۋاپكار ئىكەنلىكى ئەسكەتىلدى.

جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان بىر ھەرىكەت»

شىمالىي كورېيە چېڭجىنغا تەۋە شەرقىي پورت شەھىرىدە يېڭىدىن ياسالغان 5000 توننىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش تىرىشچانلىقى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى. پاراخوتنىڭ كەينى تەرىپى ئالدى قىسمىدىن بۇرۇن سىيرىلىپ كېتىپ، قۇرۇلمىلىق بۇزۇلۇشقا سەۋەب بولغان، شۇنداقلا پاراخوتنىڭ كېمىسازلىق زاۋۇتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىشىنى توسۇپ قالغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ «مۇتلەق بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە پەن-تېخنىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان تەجرىبىۋازلىقنىڭ» نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغان بىر ھەرىكەت» دېگەن سۆز بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا، سېئۇل ھەربىي ئەمەلدارلىرى، چوي ھيون ئىسىملىك ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇنىڭ پيوڭياڭنىڭ موسكۋاغا ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشىدا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئەسكەر ئەۋەتىشى بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئانالىزچىلارمۇ، چارشەنبە كۈنى سۇغا چۈشۈرۈش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى