جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئە غەلبىسىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى: «چاناققەلئە پەقەت بىر جەڭلا ئەمەس، بەلكى ئىمان، پىداكارلىق، ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە بىر مىللەت بولۇش ئېڭىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا جاكارلانغان بىردىنبىر داستانىدۇر» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن گەلىبولۇ ھەربىي ھەرىكىتىدىكى چاناققەلئە غەلبىسىنى خاتىرىلىدى.
ئەردوغان: «چاناققەلئە پەقەت بىر جەڭلا ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد، پىداكارلىق، ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە بىر مىللەت بولۇش ئېڭىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا جاكارلانغان بىردىنبىر داستانىدۇر» دېدى. بۇ سۆزلەر 18-مارت شېھىتلارنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز غەلبىسىنىڭ 111 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئورۇن ئالدى.
ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇردا، ئەردوغان بۇ يىللىق خاتىرىنىڭ زور ئىپتىخار ۋە ھاياجان بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
چاناققەلئەنى «ئۆتكىلى بولماس» قىلغان قەھرىمانلارنى رەھمەت، شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئېتىقادقا تولغان يۈرەكلەرنىڭ چاناققەلئەدە ئېلىپ بارغان كۈرىشى تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىك ھەم مۇستەقىللىقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى.»
«ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن كەلگەن قەھرىمانلارنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئاتلانغانلىقىنى ۋە مىللەتنىڭ — ئايال-ئەر، ياش-قېرى دېمەستىن — بىر ياقادىن باش چىقىرىپ، جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە ۋەتىنىنى قوغدىغانلىقىنى» ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆرسەتكەن بۇ بۈيۈك قارشىلىق كۆرسىتىش پەقەت ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتتى. چاناققەلئەدە كۆرسىتىلگەن قەھرىمانلىق مىللىتىمىزنىڭ قېرىنداشلىقى، ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تەقدىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىمۋوللىرىدىن بىرىدۇر»
چاناققەلئە ئۇرۇشى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن چاناققەلئە ئۇرۇشىدا، تەخمىنەن 110 يىل ئىلگىرى، يەنى دۇنيادىكى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ بىرىدە ئون مىڭلىغان ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۇرۇش 1915-يىلى 25-ئاپرېلدىن 1916-يىلى 9-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەردى.
ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە، گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنى دېڭىز يولى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى يۈزىسىدىن ئىتتىپاقدىشى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى بېسىۋېلىش ئىدى.
تۈركلەر دېڭىزدىن قىلىنغان ھۇجۇمنى چېكىندۈردى ۋە سەككىز ئايلىق ھۇجۇم جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكىتىمۇ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىشغالچى كۈچلەر ئارقىغا چېكىندى.
ئىتتىپاقداش كۈچلەرگە قارشى قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلبە، تۈرك تەرەپنىڭ مەنىۋىي كۈچىنى ئاشۇردى. بۇ روھ كېيىنچە 1919-1922-يىللىرى ئارىسىدىكى تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋە ئاخىرىدا 1923-يىلى كونا ئىمپېرىيەنىڭ خارابىلىكلىرى ئۈستىدە بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشتى.