غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
بېلگىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ
بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكسىم پرېۋوت بۇ قەدەمنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق شارائىتىدا ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بېلگىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ
بېلگىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ / AP

بېلگىيە سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ باياناتنى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلان قىلدى.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكسىم پرېۋوت دۈشەنبە كۈنى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ب د ت يىغىنىدا پەلەستىن بېلگىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ! ھەمدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قاتتىق جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ» دېدى.

ئومۇمىي كېڭەش 9-سېنتەبىردىن 23-سېنتەبىرگىچە نيۇ-يوركتا ئېچىلىدۇ.

فىرانسىيە ئىيۇلدا يىغىن جەريانىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، جۇمھۇر رەئىس ئېممانۇئېل ماكرون بۇ قەدەمنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى يولىدىكى بىر ئىلگىرىلەش دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

شۇ ۋاقىتتىن بۇيان، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قەدەملەرنى بېسىشقا چاقىردى.

پرېۋوت بېلگىيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، غەززەدىكى پۈتكۈل ئاھالىنى ئۆي-ماكانسىز قالدۇرغانلىقى ۋە ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغانلىقىدەك «ئىنسانىي پاجىئە» نى نەزەردە تۇتۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پرېۋوت: «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، بېلگىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھاماسقا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قارارلارنى چىقىرىشى كېرەك ئىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

پرېۋوت باياناتىدا، بۇ ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقىگە قارىتىلمىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «بۇ ئىسرائىلىيە خەلقىنى جازالاش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە نەق مەيداندىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەسىلىسىدۇر» دەپ قوشۇپ قويدى.

بۇ ئۇقتۇرۇش بېلگىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشىغا يول ئاچىدىغان ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان نيۇ-يورك خىتابنامىسىنى قوللايدىغان، فىرانسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوندىن ئارتۇق دۆلەت قاتارىغا قوشۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بېلگىيەنىڭ قارارى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق غەزەپنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا 63 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، مىليونلىغان كىشىنى ئۆي-ماكانسىز قالدۇردى. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»