سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە، ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى «ئىككى تەرەپلىك ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق»قا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە، ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى
/ Reuters

رۇسىيە ئافغانىستاننىڭ يېڭى باش ئەلچىسىنىڭ ساداقەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ خەۋەرنى دەلىللەپ، رۇسىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىسى دىمىترى ژىرنوۋنىڭ تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ قارارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باش ئەلچى ژىرنوۋ بۇ قەدەمگە «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشتىكى تارىخىي قەدەم» دەپ باھا بەردى.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ: «بۇ قەدەم ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، كېڭىيىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر مۇتتەقى بۇ قارارنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى، «ئافغانىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى»دىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ژىرنوۋ دۆلەتلىك «رۇسىيە-1» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قارارنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە: «بۇ، رۇسىيەنىڭ ئافغانىستان بىلەن ھەرتەرەپلىمە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا بولغان سەمىمىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.

شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە تالىبان ھاكىمىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى.

2021-يىلى ئاۋغۇستتا تالىبان قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھېچقانداق دۆلەت كابۇلدىكى بۇ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە