خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
TRT World نىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى يەھيا بەرزاق ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى
ئۇرۇشنىڭ پۇقرالارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈۋاتقاندا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان بەرزاق بىلەن بىرلىكتە، ئىسرائىلىيە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كەم دېگەندە 58 پەلەستىنلىكنى قەتل قىلدى.
TRT World  نىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى يەھيا بەرزاق ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى
TRT World نىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى يەھيا بەرزاق ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى / X/QudsNen

TRT World  نىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى يەھيا بەرزاق ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ مەركىزىدىكى دەير ئەلبەلاھ رايونىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلدى.

بەرزاق بىر قەھۋەخانىدا ئۇرۇشنىڭ پۇقرالارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى يۈكلەۋاتقان ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

پەلەستىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇمدا بەرزاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى قازا قىلغان.

سەھىيە خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان يېڭى ھۇجۇملاردا، بىر ھامىلىدار ئايال ۋە بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 58 پەلەستىنلىكنىڭ قەتل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن مەنبەلىرى دەير ئەلبەلاھتىكى ھۇجۇمنىڭ بىر ياغاچچىلىق سىخىنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەرزاق ۋە باشقىلار شەھەرنىڭ مۇھىت كوچىسىغا يېقىن جايدا قازا قىلغان.

بەرزاق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «Instagram» دىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن غەززە شەھىرىدىن جەنۇبقا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جىسمىم جەنۇبقا سۆرەلدى، ئەمما قەلبىم ھېلىھەم غەززە شەھىرىدە» دەپ يازغانىدى.

تۈركىيە ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، بەرزاقنى «ئىشغالىيەت ۋە زۇلۇمنىڭ كۈلەڭگىسىدە ھەقىقەتنىڭ پېيىغا چۈشكەن باتۇر بىر سادا» دەپ تەرىپلىدى.

دۇران مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھېكايىسى TRT World نىڭ ‹غەززەدىكى فوتو سۈرەتلىرىم› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى بايان قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى دۇنياغا نامايان قىلغانىدى. مۇخبىرلارغا قىلىنغان ھۇجۇملار ھەقىقەتنى ھەرگىز بوغۇپ قويالمايدۇ. يەھياغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئۇنىڭ ئائىلىسى، سەپداشلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

TRT   باش مۇدىرى زاھىد سوباجىمۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. سوباجى بەرزاقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ غەززەدىكى مۇخبىرلار دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا خەۋەر ئىشلەۋاتقان كەسىپدىشىمىز يەھيا بەرزاقنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. ئىسرائىلىيە مۇخبىرلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرالمايدۇ ۋە ھېساب بېرىدىغان كۈن كېچىكمەستىن يېتىپ كېلىدۇ» دېدى.

بەرزاق غەززەدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار فوتوگرافى سۈپىتىدە كەڭ تونۇلغانىدى.

ئۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ  «Instagram» بېتى غەززە شەھىرىدىكى شەخسىي ستۇدىيەسىدە تارتىلغان، ئالاھىدە ئەستايىدىللىق رەتلەنگەن بوۋاقلارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن تولغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بېتى قارا سىزىقلار بىلەن بەلگە قويۇلغان، ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن تولغانىدى.

ئۇ يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى بۇ ئۇرۇشتا قەتل قىلىنغان بالىلارنى خاتىرىلەيدىغان سىنلارنىمۇ ھەمبەھىرلىگەنىدى.

بەرزاق 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن كەم دېگەندە 250 مۇخبىر ۋە ئاخبارات خادىمىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال بۇ ئۇرۇشنى ھازىرقى زامان تارىخىدا ئاخبارات ساھەسى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ۋە خەتەرلىك توقۇنۇشلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

پەلەستىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بەرزاقنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالار رايونلىرى ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرگە قاراتقان شىددەتلىك بومباردىمانلىرى جەريانىدا غەززەدىكى مۇخبىرلارنىڭ داۋاملىق زەربە ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى