ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
مالىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈچ ھىندىستان پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتتى
ھىندىستان مالىدىكى قوراللىق ھۇجۇملار جەريانىدا ئۈچ پۇقراسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللەپ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا مالى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
مالىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈچ ھىندىستان پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتتى
مالىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈچ ھىندىستان پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتتى / AP

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتە غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملار جەريانىدا، بىر سېمونت زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۈچ ھىندىستان پۇقراسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق سەيشەنبە كۈنى كايېس شەھىرىدىكى «ئالماس» سېمونت زاۋۇتىغا «بىر تۈركۈم قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ تەشكىللىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى» ۋە بۇ جەرياندا ئۈچ ھىندىستان پۇقراسىنىڭ «زورلۇق بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى» بىلدۈردى.

باياناتتا، ھىندىستاننىڭ باماكودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مالى ھۆكۈمىتى ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

 ھىندىستان ھۇجۇمچىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ-قىلمىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىمىدى.

بىراق، «2025-يىلى 1-ئىيۇل كۈنى مالىنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىدىكى نۇرغۇن ھەربىي ھەم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

2012-يىلىدىن بۇيان، مالى شىمالدا باشلىنىپ دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتكە، شۇنداقلا قوشنا دۆلەتلەر بۇركىنا فاسو ۋە نىگېرغىمۇ كېڭىيىپ كەتكەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Militants kill over 30 soldiers, overrun military base in Mali

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ