ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى

ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىشچىلار پارتىيەسىدىن ئىستېپا بەردى.

By
ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى / Reuters

پېتېر مەندېلسون (Peter Mandelson) جېفرېي ئېپىستىين بىلەن بولغان ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن سېنتەبىر ئېيىدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئامېرىكا باش ئەلچىسى پېتېر مەندېلسون، تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان جىنسىي جىنايەتچى جېفرېي ئېپىستىين بىلەن بولغان دوستلۇقىغا ئائىت يېڭى ئەيىبلەشلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئىشچىلار پارتىيەسىدىن ئىستېپا بەردى.

BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەندېلسون پارتىيە باش كاتىپى خوللىي رىدلېيگە (Hollie Ridley) يازغان خېتىدە، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ «تېخىمۇ كۆپ نومۇس ئېلىپ كېلىشىنى» خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېنتەبىر ئېيىدا باش ۋەزىر كېير ستارمېر، ئېپىستىين بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن مەندېلسوننى ئامېرىكا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان يېڭى ھۆججەتلەردىن كېيىن، مەندېلسون يەكشەنبە كۈنى پارتىيەسىدىن ئىستېپا بەردى.

بۇ ھۆججەتلەر، ئېپىستىيننىڭ 2003 - ۋە 2004-يىللىرى مەندېلسون بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېساباتلارغا ھەر بىرى 25 مىڭ دوللاردىن بولغان ئۈچ قېتىملىق ئايرىم چىقىم قىلىپ، جەمئىي 75 مىڭ دوللار ئەۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەندېلسون خېتىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەپتە ئاخىرى مېنى جېفرېي ئېپىستىين ئەتراپىدىكى چۈشىنىشلىك نارازىلىقلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ باغلىدى، مەن بۇ ئەھۋالدىن پۇشايمان قىلىمەن ۋە ئەپسۇسلىنىمەن. بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى ماڭا مالىيە جەھەتتىن پۇل تۆلەنگەنلىكىگە ئائىت، ئارخىپتا يوق ۋە مەن ئەسلىيەلمەيدىغان، خاتا دەپ قارايدىغان ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشۈم كېرەك. بۇنى قىلىۋاتقاندا ئىشچىلار پارتىيەسىگە تېخىمۇ كۆپ نومۇس ئېلىپ كېلىشنى خالىمايمەن، شۇڭا پارتىيە ئەزالىقىدىن ئايرىلىمەن.»

مەزكۇر ئۆزگىرىش، ئەنگلىيە سىياسىيونلىرىنىڭ نۆۋەتتە «رۇخسەتتە» تۇرۇۋاتقان مەندېلسوننى لوردلار پالاتاسىدىن چىقىرىۋېتىش بېسىمىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

ئېپىستىين ھۆججەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېلان قىلىنغان قىسمىدا مەندېلسوننىڭ كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. مەندېلسون بەزى كۆرۈنۈشلەردە يۈزى يوشۇرۇلغان بىر ئايالنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى كۆرۈنىدۇ.