سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكانى يادرو سۆھبەتلىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى
تېھران دائىرىلىرى يادرو پىلانى ھەققىدىكى سۆھبەتلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنى مۇساپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئىران ئامېرىكانى يادرو سۆھبەتلىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى
(ئارخىپ فوتوسى) ئىران ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى ئەلىي لارىجانى ئىراننىڭ سۆھبەتلەردە ھەمكارلىققا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. / Reuters

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن تېھراننىڭ يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەردە ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمى ۋە تەسىرىدىن خالىي ھالدا، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلىپ قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى لارىجانى «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭمۇ سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لارىجانى ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر بىن ھامەد ئەلبۇسەئىدى ئارقىلىق تېھراننىڭ مەيدانى توغرىسىدا ئامېرىكاغا يوللانغان مەكتۇپقا تېخى رەسمىي جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ سۆھبەتلەردە ھەمكارلىققا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مۇساپىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لارىجانى، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە ئەمەسلىكى ۋە بۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى مەسىلىسىدە تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا ئورتاق چۈشەنچە بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇزاكىرە جەريانىنىڭ بىھۇدە ئۇزارتىلىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن لارىجانى، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، باشقا مەسىلىلەرنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ جەرياننى ئاقسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىمىز يادرو مەسىلىسىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر تېما. بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى مەسىلە، شۇڭا مۇزاكىرە تېمىسى قىلىنمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە ئىراننىڭ ئوران قويۇقلاندۇرۇشنى نۆلگە چۈشۈرۈش پىكىرىنىڭ «كۈنتەرتىپتە يوقلۇقى»نى تەكىتلەپ: «بۇ تېخنىكىدا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بىر دۆلەتنىڭ بۇنى نۆلگە چۈشۈرۈشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى ۋە سەھىيە تەتقىقاتلىرى بىلەن داۋالاش ئىشلىرىدا قويۇقلاندۇرۇلغان ئورانغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ ئېھتىماللىقى بولغان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لارىجانى، ئىسرائىلىيەنى مۇزاكىرىلەرگە ئارىلىشىش ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ: «مۇزاكىرىلىرىمىز پۈتۈنلەي ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق، لېكىن ئىسرائىلىيە بۇ جەريانغا ئارىلىشىپ، مۇزاكىرىلەرگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.

لارىجانى يەنە رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىراننىڭ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بەرگەن 12 كۈنلۈك توقۇنۇش ئۈستىدە توختالغان لارىجانى، ئىران ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ بەزى يېتەرسىزلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ