سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستا يېڭى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا يېڭى بىر قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىدى.
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستا يېڭى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستا يېڭى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى / AA

ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ تەنقىدچىلەر تەرىپىدىن خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەمدە كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ دەپ قارالغان 3 مىڭ 600 يۈرۈشلۈك تۇرالغۇ بەرپا قىلىش پىلانىنى قوللىدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 3 مىڭ 600 يۈرۈشلۈك تۇرالغۇدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان.

«7-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «مىشمار يەھۇدا» ناملىق بۇ ئولتۇراق رايونى شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى 3 مىڭ 380 دۆنۈم (835 گېكتار) يەرگە قۇرۇلىدىكەن.

سموترىچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ «قۇددۇسنى شەرقتىن قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك بازا» سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ رايون ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گەرچە يېڭى ئولتۇراق رايونى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، سموترىچ بۇنىڭ «ئون مىڭلىغان تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش» ۋە «قۇددۇسنىڭ شەرقىي  قىسمىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش» تە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سموترىچ بۇ «تارىخىي» پىلاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەشتە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىسرائىلىيە كابىنېتى يەنە 12-دېكابىر ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 19 قانۇنسىز ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنىمۇ تەستىقلاپ، بېسىۋېلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

ئىسرائىلىيەدىكى «ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تىنچلىق ئورنىتىش» (Peace Now) كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى، تەخمىنەن 500 مىڭ قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەننىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، يەنە 250 مىڭ كۆچمەننىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلاردا ياشايدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ كېڭەيتىلىپ، رەسمىي ھالدا بېسىۋېلىنىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندىن تەشكىل تاپقان «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئېھتىماللىقىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقارماقتا.

ئىسرائىلىيە 1948-يىلى پەلەستىن زېمىنىدا قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن قالغان پەلەستىن رايونلىرىنىمۇ بېسىۋالغان. كېيىنكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرى بېسىۋالغان جايلاردىن چېكىنىپ چىقىشنى ۋە شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت قىلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى