ياۋروپا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە تۈركىيەنىڭ «قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە پاكىز ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىش سۇپىسى» (REACT) غا تەۋە تۈرلەرگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سۇپا ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ 31- نۆۋەتلىك يەرشارى كىلىمات يىغىنى - COP31 مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق ئالاھىدە پائالىيەت ئارقىلىق رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ياۋروپا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى مەزكۇر تەشەببۇسنى تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، ھەمكارلىققا تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويغان تەرەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، «قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە پاكىز ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىش سۇپىسى» COP31 يىغىنىدىكى «35-يىلىغىچە 35» ناملىق يەرشارى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئەھدىنامىسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا، 2040-يىلىغا قەدەر جەمئىي 300 مىليارد دوللار مەبلەغ توپلاشنى نىشان قىلغان. توپلانغان بۇ غايەت زور مەبلەغ ئاساسلىقى؛ قايتا ھاسىل بولىدىغان مەنبەلەردىن توك چىقىرىش، ئېلېكتىر تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە ساقلاش، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەمىنات ۋە ئېھتىياج ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا ياسىمىچىلىق ۋە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ساھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن.
مەزكۇر سۇپا تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، دۆلەت ئورگانلىرى، تەرەققىيات شېرىكلىرى، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە خۇسۇسىي كارخانا ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
ياۋروپا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رەئىسى ئودىل رېنو-باسسو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تۈركىيە پاكىز ئېنېرگىيەگە يۈزلىنىشتە ئىنتايىن ئۇلۇغۋار نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى. ئۇ يەنە، بانكىنىڭ تۈركىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە توپلىغان مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ئۆتۈش مۇساپىسىنى ھەم مەبلەغ ھەم كەسپىي جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رەئىس رېنو-باسسو تۈركىيەنىڭ بۇ نىشانلارنى قۇرۇق سۆزدە قالدۇرماي، كۆزگە كۆرۈنەرلىك كونكرېت ھەرىكەتكە ۋە ئەمەلىي مەبلەغ سېلىشقا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بانكىنىڭ تۈركىيەدىكى شېرىكلىرى بىلەن ئورناتقان زىچ ئالاقىسىنى ۋە «سانائەتتە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا مەبلەغ سېلىش سۇپىسى» دا توپلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
مەزكۇر تەشەببۇسنى ياۋروپا ئىتتىپاقى، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركىتى، ساپ نۆل قويۇپ بېرىش نىشانىدىكى گلاسگوۋ پۇل-مۇئامىلە ئىتتىپاقى، كىلىمات مەبلەغ سېلىش فوندلىرى، گېرمانىيە تەرەققىيات بانكىسى شۇنداقلا ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلارمۇ ئاكتىپ قوللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تۈركىيەگە سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 28 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ غايەت زور مەبلەغنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەسىگە سېلىنغان.





















