غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى.
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىغا قارىماي غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشتۇرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگگن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانىغا دائىر ئەڭ يېڭى مەلۇمات ھەمبەھىرلەندى.

ئاخىرقى 48 سائەت ئىچىدە غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا 8 جەسەت ۋە 29 يارىدارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇملىرىدا 890 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 2 مىڭ 677 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، ۋەيران قىلىنغا بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدىن بولسا 777 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ئىپادىلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە، يارىدارلار سانىنىڭ بولسا 172 مىڭ 779 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

غەززە رايونىدا ۋەيران قىلىنغان بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا ھازىرمۇ مىڭلىغان جەسەتلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى