خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
تەيۋەن: خىتاي «ھەربىي ھەرىكەتلەر»نى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا
تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كارېن كو، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە «ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلىگەنلىكى»نى بىلدۈردى.
تەيۋەن: خىتاي «ھەربىي ھەرىكەتلەر»نى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا
تەيۋەن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى تەيۋەنگە قاراشلىق ماتسۇ تاقىم ئارىلىدىكى ناڭگان ئارىلىنىڭ سۇ رايونىدا جۇڭگو دېڭىز قىرغىقى يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. [ھۆججەت] / AP

تەيۋەن تەرەپ، خىتاينىڭ سېرىق دېڭىزدىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغىچە بولغان يۈزلىگەن كىلومېتىرلىق دائىرىدە «ھەربىي ھەرىكەتلەر»نى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن «تەھدىت» شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان بېيجىڭ تەرەپ، مەزكۇر مانېۋىرلار ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

تەيۋەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كارېن كو جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باشقا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەزىيەتنىڭ «تولۇق كونتروللۇق ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كو، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قانچە پاراخوتنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىدى؛ ھالبۇكى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارى پاراخوت سانىنىڭ «زور» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى كو يەنە، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ پەقەت تەيۋەن بوغۇزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، جەنۇبىي سېرىق دېڭىزدىن شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا، ئۇ يەردىن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا، ھەتتا غەربىي تىنچ ئوكيانغىچە كېڭەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

باياناتچى: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە پۈتۈن رايون ئۈچۈن بىر تەھدىت ۋە پاسسىپ تەسىر ھېسابلىنىدۇ» دەپ تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ خىتاينى «سوغۇققان بولۇش»قا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە: «بۇ مەسىلىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خىتاي ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بولسا، تەيۋەن تەرەپ خىتاي پاراخوتلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.

«يىللىق باھالاش مانېۋىرلىرى»

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جىياڭ بىن جۈمە كۈنى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوچۇق دېڭىزلاردىكى مەشىقلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋە «ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى نىشانغا قارىتىلمىغانلىقى»نى ئېيتتى.

جىياڭ بىن بۇ سۆزلەرنى، خەۋەرلەردە ئاۋسترالىيەگە قاراپ مېڭىشى مۇمكىنلىكى خەۋەر قىلىنغان بىر خىتاي دېڭىز فلوتىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋابەن ئېيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، بېيجىڭنىڭ «مۇقىم ھالدا مۇداپىئە خاراكتېرلىك سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى»نى تەكىتلەپ، «مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر»نى «ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرماسلىققا ياكى... ئاساسسىز ھالدا مۇبالىغىلىق تەشۋىقاتلاردا بولماسلىق»قا چاقىردى.

خىتاي تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق جايلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسى قىلماقتا.

تەيۋەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي مىڭيېن چارشەنبە كۈنى، ئۆكتەبىر-دېكابىر ئايلىرىنىڭ خىتاينىڭ «يىللىق باھالاش مانېۋىرلىرى» ئۈچۈن «ئەڭ قىزغىن مەزگىل» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئادەتتىكىدەك تۇيۇلىدىغان كۈندىلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى، تەيۋەنگە قارىتىلغان مانېۋىرلارغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

تەيۋەن تەرەپ ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا، تەخمىنەن 90 خىتاي ئۇرۇش ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە پاراخوتىنىڭ چەت ئەل پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش سىمىلاتسىيەلىرى ۋە دېڭىز يوللىرىنى قامال قىلىش مەشىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرلارغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇنىڭ، بېيجىڭنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ دېڭىز مانېۋىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

بېيجىڭ ئۇ مەزگىلدىمۇ مانېۋىرلار ھەققىدە دائىر ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەننى بىخەتەرلىك جەھەتتىن قوللايدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

بىراق، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئىستراتېگىيە ھۆججىتىدە، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ رايوننى قوغداش يۈكىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سىياسەتتە بولۇشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەردىن بېشارەت بەردى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى