ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
قالىن سۈرىيە رەھبىرى شارا بىلەن بىخەتەرلىك ۋە رايونلۇق مۇقىملىق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش نىشانى دائىرىسىدە دەمەشقتە زىيارەتتە بولدى.
قالىن سۈرىيە رەھبىرى شارا بىلەن بىخەتەرلىك ۋە رايونلۇق مۇقىملىق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
/ AA

ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن سۈرىيە رەھبىرى شارا بىلەن بىخەتەرلىك ۋە رايونلۇق مۇقىملىق مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سۆھبەتتە، سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقنى يېڭىلاش ئۈچۈن، چېگرا بىخەتەرلىكى، تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ۋە مۇساپىرلارنىڭ يۇرت – ماكانلىرىغا قايتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئالاقىدار مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن دەمەشقتە سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد ئەششارا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد شەيبانى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن سەلامە قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇدا بىرقانچە سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش ۋە ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىلىرى تەشكىل قىلغان.

قالىن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئەنقەرەنىڭ  جەمئىيەت تەرتىپنى قايتا  ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا دەمەشقنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە دائىرىلىرى قالىننىڭ: «تۈركىيە سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Ankara urges support for Syria’s political transition and sanctions relief

 تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى

 سۆھبەتلەرنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق تېمىسىنى ئورتاق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى تەشكىل قىلغان. تەرەپلەر بولۇپمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ۋە يېڭى سۈرىيەگە داخىل قىلىنىشى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تۈركىيە دائىرىلىرى چېگراغا يېقىن جايلاردىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەندىشىلىرىنى تەكرارلاپ، ھەر ئىككى دۆلەت چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. سۆھبەتلەردە يەنە دائېشقا چېتىشلىق تۈرمىلەر ۋە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنىڭ سۈرىيە دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەنقەرەنىڭ بۇ قەدەمنىڭ رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۆھبەتلەردە چېگرا باشقۇرۇش، مۇھىم تاموژنا ئېغىزلىرىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە سودا يوللىرىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشى قاتارلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

 تۈركىيە ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان بۇ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قايتا بەرپا قىلىشتا دەمەشقكە ياردەم بېرىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Erdogan stresses need for careful monitoring of PKK dissolution process

 رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر كۈنتەرتىپتە

 قالىن ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىغا قارىتا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە دائىم يۈز بېرىۋاتقان ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرى قاتارلىق رايوندىكى ھازىرقى جىددىيچىلىكلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قالدۇقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشمۇ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋە بىخەتەر ھالدا ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشى بولغان.

تۈركىيە دائىرىلىرى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت - ماكانلىرىغا قايتىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە دەمەشق بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye–US working group on Syria to convene in Washington

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز