فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ
ئامېرىكادا بىر سوت مەھكىمىسى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بەردى.
فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
ئامېرىكادىكى رايونلۇق بىر سوتنىڭ فلورىدادا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ھۆكۈمى، باشقا ئامېرىكا ئىشىتاتلىرىنى بىر ئەسىر ئىلگىرى ئومۇملاشقان، ئەمما كېيىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «چەت ئەللىكلەر يەر قانۇنى» نى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى مۇمكىن.
ئامېرىكادىكى بىر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ۋە يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەش قانۇنىنى يولغا قويۇشىنىڭ يولىنى ئاچتى. سوت «مەزكۇر قانۇننىڭ فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە ئاسىيالىقلارنى كەمسىتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى ئەرزلەرنى رەت قىلدى.
ئاتلانتادىكى 11- رايونلۇق ئامېرىكا سوتىنىڭ 1 گە قارشى 2 ئاۋاز ئارقىلىق چىقارغان ھۆكۈمى، باشقا ئىشىتاتلارنى بىر ئەسىر ئىلگىرى ئومۇملاشقان، ئەمما كېيىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «چەت ئەللىكلەر يەر قانۇنى» نى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى مۇمكىن. 30 دىن ئارتۇق ئىشىتاتتىكى قانۇن چىقارغۇچىلار، چەت ئەللىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن-لايىھەسىنى ماقۇللىدى ياكى ئاۋازغا قويدى.
11-رايونلۇق سوت ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىك بىرلەشمىسى (ACLU) كېپىللىك قىلغان تۆت خىتاي پۇقراسىنىڭ، فىلورىدانىڭ 2023-يىلىدىكى قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە قانۇنلۇق سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىك بىرلەشمىسى بۇ قانۇننىڭ پەقەت خىتايدا «مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق» كىشىلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت خىتاي پۇقراسىنىڭ بولسا، نەچچە يىلدىن بېرى فىلورىدادا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
سوت مەھكىمىسى يەنە، «بۇ قانۇندىكى خىتاي پۇقرالىرىدىن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىشىتاتقا تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ماددىلىرى چەت ئەل مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرىدىغان فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدۇ» ۋە «بۇ قانۇن خىتاي خەلقى بىلەن ئاسىيالىقلارغا قارىتىلغان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سەۋەبىدىن چىقىرىلغان» دېگەن قاراشلارنىمۇ رەت قىلدى.
رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى روبېرت لۇك (Robert Luck) سوتقا ۋاكالىتەن: «دۆلەت، شەخس، يەر ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى.
فلورىدا باش تەپتىشى جېيمىس ئۈتمېيېر (James Uthmeier) نىڭ ئىشخانىسى ۋەACLU ، بۇ توغرىدا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئۆتكەن يىلى 11-رايونلۇق سوتنىڭ باشقا بىر ھەيئىتى نارازىلىق ئەرزىنىڭ نەتىجىسى كەلگۈچە فلورىدانىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىشىنى توسقان ئىدى.
بۇ قانۇن خىتايدا «مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق» ۋە ئامېرىكا پۇقراسى ياكى يېشىل كارتا ئىگىسى بولمىغان شەخسلەرنىڭ فىلورىدادا ئۆي-مۈلۈك ھەمدە يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ. ساياھەت ۋىزاسى يوقلار ۋە پاناھلىققا ئېرىشكەنلەرنىڭ، ھەرقانداق ھەربىي بازىدىن كەم دېگەندە سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتا 2 مىڭ كىۋادرات مېتىرغىچە بولغان بىر تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ۋالىي رون دېسانتىس (Ron DeSantis) 2023-يىلى بۇ قانۇنغا ئىمزا قويغاندا، بۇنىڭ ئامېرىكالىقلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىدىن قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
سوتچى لۇكقا سەيشەنبە (4-نويابىر) كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن سوتچى باربارا لاگوئا (Barbara Lagoa) قوشۇلدى. ھەر ئىككى سوتچى ئىلگىرى فىلورىدا يۇقىرى سوتىدا خىزمەت قىلغان ئىدى.
سوتچى چارلېس ۋىلسون (Charles Wilson) ئوخشاش پىكىردە بولمىدى. ئۇ چەت ئەل مەبلەغ سېلىشنى تەڭشەشنىڭ «ئاساسلىقى فېدېراتسىيە دائىرىسىدە» ئىكەنلىكىنى، فىلورىدانىڭ قانۇنىنىڭ فېدېراتسىيە قانۇنى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ۋىلسون دېموكرات سابىق پىرېزىدېنت بىل كلىنتون تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.