سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى»نى، ترامپ %50 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
خىتاي ئەمەلدارى: «ئەگەر ئامېرىكا ئۆز يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، خىتاي ئاخىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ» دېدى ھەمدە ترامپنىڭ تەھدىتىنىڭ «ئامېرىكانىڭ پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقى»نى قوشۇمچە قىلدى.
خىتاي «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى»نى، ترامپ %50 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
Trump upended the world economy last week with sweeping tariffs that have raised the spectre of an international recession. / AP

خىتاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېڭىدىن %50 لىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈش تەھدىتىگە قارشى «ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. بۇ قارار دۇنيا بازارلىرىغا تىرىليونلارچە دوللار زىيان سالغان سودا ئۇرۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى: «ئەگەر ئامېرىكا ئۆز يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، خىتاي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ بۇ تەھدىتىنىڭ «ئامېرىكانىڭ پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش خاراكتېرىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىرلىق، ئەگەر ئامېرىكا تاموژنا بېجى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتسە، خىتاينىڭ ئۆز ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن «دىيالوگ» ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقىنى ۋە «سودا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغۇچىنىڭ بولمايدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ترامپ دۇنيا ئىقتىسادىنى قاتتىق تەۋرىتىپ، خەلقئارالىق ئىقتىسادىي چېكىنىش خەۋپىنى پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويدى. بىراق ئۇ بازارلاردىكى تۆۋەنلەشلەرگە قارىماي، ئۆزىنىڭ سودا سىياسىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوننىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي رەقىبى بولغان بېيجىڭ ئامېرىكا تاۋارلىرىغا %34 لىك تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتتى.

خىتاينىڭ بۇ تېز ئىنكاسى ترامپنىڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. ئۇ، ئەگەر خىتاي ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشنى توختاتمىسا، قوشۇمچە باج ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ، خىتاي تاۋارلىرىغا قويۇلىدىغان ئومۇمىي تاموژنا بېجىنى %104 كە يەتكۈزىدۇ.

ترامپ ئاق سارايدا: «مەن خىتاينى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيمەن ، بىراق ئۇلار بۇنداق قىلالمايدۇ» دېدى. «بىزدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا پۇرسەت بار... بۇ مەن ئۈچۈن زور شەرەپ» دېدى.

خىتاي ئامېرىكانىڭ «پۇرسەتپەرەستلىك قىلىش» ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى «ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

بازاردىكى داۋالغۇش

ترامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى يېقىنقى كۈنلەردە بازارلارغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭنىڭ خاڭ سېڭ كۆرسەتكۈچى %13.2 تۆۋەنلىدى، بۇ ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار بىر كۈن بولدى. سەيشەنبە كۈنى پاي چېكى بازالىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، بۇ زىيانلارنىڭ بىر قىسمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ۋال كوچىسىدىكى پاي چەكلەر داۋالغۇشلۇق سودا جەريانىدىن كېيىن تۆۋەن باھا بىلەن ئاخىرلاشتى. دوۋ جونېس ۋە S&P 500 كۆرسەتكۈچلىرىمۇ تۆۋەنلىدى. يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق كېمەيدى.

دۈشەنبە كۈنى ترامپ تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈشنى توختىتىشنى ئويلىشىپ باقمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى، بىراق سۆھبەتلىشىشكە تەييار دۆلەتلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى پاي چەكلەر قاتتىق چۈشكەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي بانكىسى سەيشەنبە كۈنى سودا باشلىنىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سودا ئۇرۇشىنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى توكيودىكى پاي چەكلەر ئۆستى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت فوكس خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيەنىڭ تاموژنا بېجى سۆھبەتلىرىدە «ئالاھىدە ئورۇن»غا ئىگە بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ «ئىنتايىن تېز ھەرىكەت قىلغانلىقى»نى ئېيتتى.

شەنبە كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان ئامېرىكا ئىمپورتىغا %10 لىك «ئاساسىي» تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. چارشەنبە كۈنى خىتاي تاۋارلىرىغا %34، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەھسۇلاتلىرىغا %20 لىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلىدۇ.

بېسسېنت فوكس خەۋەر قانىلىغا بايانات بېرىپ: «نۇرغۇن دۆلەتلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇندى. ياخشى سۆھبەتلەر ئارقىلىق، بىز پەقەت تاموژنا بېجى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندە: «مۇقىم تاموژنا بېجى بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا سۆھبەتلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بىزگە تاموژنا بېجىدىن باشقا نەرسىلەرمۇ كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى دۈشەنبە كۈنى ليۇكسېمبۇرگدا يىغىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ ئامېرىكاغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى مۇزاكىرە قىلدى. گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە ئامېرىكانىڭ تېخنىكا ماگناتلىرىدىن باج ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

فىرانسىيە سودا مىنىستىرى لوئورېنت سېنت-مارتېن: «بىز تاۋار ۋە مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تاللاشنى چەتكە قاقماسلىقىمىز كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە 27 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بۇ ئىتتىپاقنىڭ «ياۋروپانىڭ قورال ساندۇقىنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك ۋە ئىنتايىن كەسكىن بولۇشى مۇمكىنلىكى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ياۋروپا ئۇكرائىناغا سۈنئىي ھەمراھ جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران رىيادنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
ترامپتىن زېلېنسكىيغا تەنقىد: پۇتىن بىلەن كېلىشىش تېخىمۇ ئاسان
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى