خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇچقۇلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
رومىنىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى چېگراغا يېقىن جايدا پەس ئۇچۇۋاتقان بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەندىن كېيىن، موسكۋا بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇچقۇلارنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى
/ AP
2025-يىلى9-ئاينىڭ15-كۈنى

ئۇكرائىنا تەرەپ بۇنى رۇسىيەنىڭ ناتو زېمىنىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن قىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشى دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ رومىنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋلادىمىر لىپايېۋ بۇخارېست تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى. ئەلچىخانا ئېلان قىلغان باياناتتا، رومىنىيەنىڭ بۇ ھۇجۇم ئۈچۈن رۇسىيەنى ئەيىبلىشىنىڭ «پۈتۈنلەي ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ «قەستەن پىلانلىغان قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. باياناتتا: «بارلىق دەلىللەر بۇنىڭ كىيېۋ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەستەن پىلانلانغان بىر قۇتراتقۇلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ» دېيىلدى.

شەنبە كۈنى، رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن ئۇل ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان  ئەسنادا، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان رومىنىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىپ كەتكەنلىكتىن، رومىنىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جىددىي ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كاتىپى ئىئونۇت موستېئانۇ F-16  ئۇچقۇچىلىرىنىڭ پەس ئۇچۇۋاتقان بۇ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە ئاز قالغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ قايتىدىن ئۇكرائىنا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە بىر رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدەك بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، پولشا شەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم چېگرا رايونىغا مۇداپىئە مەقسىتىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ، شەرقتىكى لۇبلىن شەھىرىنىڭ ئايرودۇرۇمىنى ۋاقتىنچە تاقىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتونىڭ ئەزاسى بولغان رومىنىيە ئۇكرائىنا بىلەن 650 كىلومېتىرلىق ئورتاق چېگراغا ئىگە. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، رومىنىيە زېمىنىغا كۆپ قېتىم رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنىڭ پارچىلىرى چۈشكەنلىكىنى دوكلات قىلىپ كەلگەن ئىدى. شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، رومىنىيە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ئىككى دانە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن رومىنىيەدىكى ھاۋا ساقچىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيەگە تەۋە ئىككى دانە Eurofighter ئۇرۇش ئايروپىلانىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتتى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۇناي دەرياسى بويىدىكى، ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن تۇلچا ئۆلكىسىدىكى پۇقرالارنى بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ئورۇنلىرىغا كىرىشكە چاقىردى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلەت ھاۋا بوشلۇقىدا بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بايقىغانلىقىنى ۋە ئۇنى كىلىيا ۋېچې يېزىسىنىڭ 20 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا راداردىن غايىب بولغۇچە ئىز قوغلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رومىنىيە زېمىنىغا 10 كىلومېتىرچە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ناتو ھاۋا بوشلۇقىدا 50 مىنۇتقا يېقىن ئۇچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاشكارا كېڭەيتىش ھەرىكىتىدۇر. ئۇلار دەل شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلۈشى، رۇسىيە ماللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنىشى لازىم ۋە كوللېكتىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك».

ناتو جۈمە كۈنى پولشا ھاۋا بوشلۇقىغا رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ياۋروپانىڭ شەرقىي قانات مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەگەر پولشا شۇ قېتىم بۇ جىسىمنى ئۇرۇپ چۈشۈرگەن بولسا، بۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان غەرب ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە قوراللىق ئارىلىشىش بولۇپ ھېسابلىناتتى.

 

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكالىق ئوبزورچى سى ئاي ئى (CIA) نىڭ  ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق دېلوسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئۇكرائىنا رۇسىيە نېفىت ئامبىرىغا چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى
قازاقىستان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى
ئىسرائىلىيە: ئىرانغا قارشى ئۇرۇش كۈتۈلگەن سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەيۋاتىدۇ
ئاراقچى: ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى يېقىلغۇ ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»
ترامپ: ناتو بوغۇزنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم قىلمىسا، ناچار ئاقىۋەتكە قالىدۇ
ئىسرائىلىيە لىۋانغا قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 450 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىدۇ
ئەردوغان ئىران ۋە لىۋاندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغان «قانخور تور» نى ئەيىبلىدى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشى ئۆلدى، ئونلىغان كىشى يارىلاندى
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى