سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كىيېۋدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا... رۇسىيە تىنچلىق لايىھەسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
كىيېۋدا شىددەتلىك پارتلاشلار يۈز بېرىۋاتقان مىنۇتلاردا رۇسىيە تىنچلىق لايىھەسىنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنى ئەسىر ئالماشتۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىيېۋدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا... رۇسىيە تىنچلىق لايىھەسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
/ AP

كىيېۋ رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى تەھدىتى سەۋەبىدىن ھوشيار ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو، پارتلاشلارنىڭ كىيېۋنى لەرزىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كلىچكو شەنبە كۈنى سەھەردە تېلېگراممىدا سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «پايتەختتە پارتلاشلار يۈز بەردى. ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شەھەر ۋە رايون دۈشمەننىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا» دېدى.

كلىچكو، «كۈچلۈك» ھۇجۇمدا كەم دېگەندە سەككىز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە باشقا يارىدارلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا داۋالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى، پايتەختكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈپ، ئاھالىنى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

پايتەخت پۇقرالار ۋە ھەربىي ئىدارىسى باشلىقى تىمۇر تكاچېنكو، سىۋىياتوشىنىسكىي رايونىدا ئىككى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئوبولونسكىي رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالدۇقلىرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ۋە سولوميانسكىي رايونىدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى جۈمە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پورت شەھىرى ئودېسسادا ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بىر قانچە كىشىنى يارىلاندۇرغان.

رۇسىيە ھەربىي تەرىپى، سەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ 788 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن 776 سىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russia and Ukraine exchange hundreds of prisoners in largest swap of war

«مىڭغا مىڭ ئالماشتۇرۇش»

شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇملار، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە جۈمە كۈنى كەڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن يۈز بەردى. ئەگەر بۇ ئالماشتۇرۇش تاماملانسا، بۇ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش بولىدۇ.

ھەر ئىككى تەرەپ دەسلەپكى باسقۇچتا 390 دىن ئادەمنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ھەر بىر تەرەپتىن جەمئىي 1000 دىن كىشىنى ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

رۇسىيە، ئەسىر ئالماشتۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئۇكرائىناغا تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە، موسكۋانىڭ ئىستانبۇلدا باشلانغان دىپلوماتىك مۇساپىگە سادىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

لاۋروۋ: «<مىڭغا مىڭ> فورمۇلاسىغا ئاساسلانغان بۇ ئەسىر ئالماشتۇرۇش رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ھاسىل قىلىنغان تۇنجى بىۋاسىتە كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

«تەييارلىق خىزمەتلىرىمىزنى تاماملاۋاتىمىز» دېگەن لاۋروۋ، ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن كېلىشىم لايىھەسىنىڭ سۇنۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە خەلقئارانىڭ بۇ ئىشقا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدىن نارازىلىقىنى بىلدۈردى. «ئۇكرائىنانىڭ پۇقرالار نىشانلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى ۋە ئۇرۇش پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئىستانبۇلدىكى سۆھبەتلەر، ئەسىر ئالماشتۇرۇشتەك ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە ۋەدە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى