غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەر قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئىككىنچى قىشقا قەدەم قويدى
ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدا پەلەستىنلىكلەر قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئىككىنچى قىشقا قەدەم قويدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ۋەھشىي ھۇجۇملىرى 417 كۈنىگە قەدەم قويدى. ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىك مۇساپىرلار قىش مەۋسۇمىنى يەنە تەنتەربىيە زاللىرىدا تىككەن يېقىلغۇسىز ۋە ناچار چېدىرلاردا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
غەززەگە ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغان ھۇجۇملار، چېگرا ئېغىزلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن رايوندىكى «ئىنسانىي تىراگېدىيە» بارغانسېرى يامانلاشماقتا.
قىش مەۋسۇمىنىڭ كىرىشى بىلەن چېدىرلاردا پاناھلىنىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر يەنە سوغۇق ھاۋا ۋە قاتتىق يامغۇرغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.
رايوندائوتۇن-يېقىلغۇ ماتېرىياللىرىنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسسىنىش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان غەززەلىكلەر يەنە قۇياش ۋە شامالدا يىرتىلىپ كەتكەن، ئاددىي بىر يامغۇرنىمۇ توسالمايدىغان چېدىرلاردا سوغۇقنىڭ دەردىنى تارتماقتا.
غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئوخشىمىغان رايونلاردىن غەززە شەھىرىدىكى پەلەستىن تەنتەربىيە زالىغا كۆچكەن پەلەستىنلىكلەر سوغۇق ھاۋا ۋە يامغۇر ئالدىدا چارىسىز قېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.