خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى
مەزكۇر دۆلەتتىكى تېز تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى بازارلار (سۇپېرماركېتلار) ۋە ناۋايخانىلار پلاستىك خالتا، يېمەكلىك تەخسىسى ۋە مۇلازىمەت پەلەيلىرىنى تېپىشتا قىيىنچىلىققا يولۇقماقتا.
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى
ئىران ئۇرۇشى ياپونىيەدە پلاستىك خالتا كىرىزىسىنى قوزغىدى

يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان خام ئەشيا كىرىزىسى، ياپونىيەدىكى پلاستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولغان نافتا (Naphtha) نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتى تەمىناتىغا ئېغىر زەربە بەردى.

يىللىق پلاستىك ئىستېمالى 8 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يېمەكلىك ساھەسى تەشكىل قىلىدىغان ياپونىيەدە، باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە تەمىنات مەسىلىلىرى مەزكۇر ساھەگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ياپونىيە نېفىت خىمىيە سانائىتى جەمئىيىتى (JPCA) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مال سېتىۋېلىش ۋە ئەخلەت خالتىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان پولىئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، مارت ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئەسلىدىكى %5 تىن %60 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش تۆۋەنلەش سۈرئىتى باشقا پلاستىك تۈرلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن.

باش ۋەزىر سانائې تاكائىچى ھۆكۈمىتى، باشقا ساھەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ كىرىزىسقا ئالدىدا قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالدى.

مۇلازىمەت مەدەنىيىتى ۋە تازىلىق ئادىتى سىناققا دۇچ كەلمەكتە

ياپونىيەدە 2020-يىلىدىن بۇيان پلاستىك خالتىلار نى ئىشلىتىش تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مەھسۇلاتلارنى بىر نەچچە قەۋەت پلاستىك بىلەن ئوراش-پەچەتلەش دۆلەتنىڭ كۆنۈپ قالغان مۇلازىمەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بىراق، ئامبار زاپىسىنىڭ ئازىيىشى بۇ ئادەتلەرنى ئۆزگىرىشكە مەجبۇرلىماقتا.

ئەخلەت يىغىش سىستېمىسى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى

ئائىلە ئەخلەتلىرى ئوخشىمىغان رەڭدىكى مەخسۇس پلاستىك خالتىلار بىلەن قاتتىق تۈرگە ئايرىلىدىغان شەھەرلىك ئەخلەت يىغىش سىستېمىسىمۇ بۇ كىرىزىستىن نېسىۋىسىنى ئالدى. پۇقرالارنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە خالتا زاپاسلىشى تۈپەيلىدىن، بازارلار ھەر بىر ئادەمگە سېتىش چەكلىمىسى قويدى. بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋاقىتلىق رەسمىي تەستىقلانمىغان خالتىلار بىلەنمۇ ئەخلەت تاشلاشقا رۇخسەت قىلىشقا باشلىدى.

بۇ كىرىزىس پەقەت ياپونىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. نېفىت ۋە نافتا ئېھتىياجىنى يېقىن شەرقتىن قامدايدىغان باشقا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە: پايتەخت سېئۇلدا مارت ئېيىدا پلاستىك ئەخلەت خالتىسى سېتىلىش مىقدارى بەش ھەسسە ئاشتى. ئېھتىياجنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىشى بىلەن سېتىشقا چەكلىمە قويۇلغان بولسىمۇ، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرى كىم سۇڭ-ۋان (Kim Sung-whan) تەمىنات جەھەتتە ئەنسىرەيدىغان بىر ئەھۋالنىڭ يوقلىقىنى جاكارلىدى.

تەيۋەن: دۇنيادا كىشى بېشىغا ئەڭ كۆپ پلاستىك خالتا ئىستېمال قىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خام نېفىتىنىڭ 70 پىرسەنتىنى يېقىن شەرقتىن ئىمپورت قىلىدىغان تەيۋەندە، پلاستىكنى توپ سېتىش باھاسى بۇ يىل 40 پىرسەنتكىچە ئۆرلىدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتىمۇ خەلقنى سالماق بولۇشقا چاقىرىپ، مال بېسىپ ئامبارلاشتۇرىۋېلىشقە قارشى نازارەتنى كۈچەيتتى.

ئىزدىنىڭ
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى