بالىكەسىردە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتىنىڭ قارەسى ناھىيەسىدىكى پارتلاتقۇچ ماددا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بالىكەسىردە پارتلاش يۈز بەردى / TRT Uyghur

ئىگىلىنىشىچە، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زاۋۇتنىڭ كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش بۆلىكىدە پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاشتا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان،  4 كىشى يارىلانغان.