سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كازىم غەرىبئابادى، دۆلىتىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتناش تەرتىپى توغرىسىدا ئومان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
ئىران: «ئومان بىلەن ھۆرمۇز بوغۇزى ئۈچۈن كېرەكلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»

ئىران مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كازىم غەرىبئابادى رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە: «بىز ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە زۆرۈر كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلدۇق» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى خەلقئارا دېڭىزچىلىق تەشكىلاتىغا سۇنۇپ، رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرىبئابادى كېلىشىمنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتتا تىزىمغا ئېلىنىشىنىڭلا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ دەرھال ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، پەقەت ئامېرىكا ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن بوغۇزنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى