خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىن: بوندى ھۇجۇمچىلىرىنىڭ دۆلەتتە <تېررورلۇق تەلىم-تەربىيەسى> ئالغانلىقىغا دائىر دەلىل يوق
فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى كلائىر كاسترو، «دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەلىم-تەربىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر دەۋالارنى قوللايدىغان ھېچقانداق دەلىل سۇنۇلمىدى» دېدى.
فىلىپپىن: بوندى ھۇجۇمچىلىرىنىڭ دۆلەتتە <تېررورلۇق تەلىم-تەربىيەسى> ئالغانلىقىغا دائىر دەلىل يوق
ساقچىلار سىدنېيدىكى بوندى دېڭىز ساھىلىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىدىن كېيىن بىر رايوننى چەكلەپ قويدى. يەكشەنبە، 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى. [ھۆججەتلىك سۈرەت] / AP

فىلىپپىن تەرەپ، دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەلىم-تەربىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر بىرەر دەلىلنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى؛ بۇ بايانات، ئاۋىسترالىيەدىكى بوندى دېڭىز ساھىلىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ، ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىنى جەنۇبتىكى قوراللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغان بىر ئارالدا ئۆتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى كلائىر كاسترو چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «(پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوس) فىلىپپىننى دائېشنىڭ تەلىم-تەربىيە بازىسى دەپ تەسۋىرلەيدىغان ئومۇملاشتۇرۇشلارنى ۋە خاتا ئېنىقلىمىلارنى كەسكىن رەت قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتىنى ئوقۇۋېتىپ: «دۆلەتنىڭ تېررورلۇق تەلىم-تەربىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر دەۋالارنى قۇۋۋەتلەيدىغان ھېچقانداق دەلىل سۇنۇلمىدى... يەنى، بوندى دېڭىز ساھىلى ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ فىلىپپىندا ھەر قانداق بىر تەلىم-تەربىيە ئالغانلىقىغا دائىر دەلىللەنگەن بىرەر دوكلات ياكى ئىسپات يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەيشەنبە كۈنى، دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى سىدنېيدىكى بوندى دېڭىز ساھىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خانۇكا بايرىمى پائالىيىتىدە 15 كىشىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئونلارچە كىشىنى يارىلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ساجىد ئەكرەم بىلەن ئوغلى ناۋىدنىڭ 1-نويابىردا دۆلەتكە كىرىپ، جەنۇبتىكى داۋاۋ (Davao) ۋىلايىتىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى دەلىللىدى.

«رەھبەرلىك يوق»

داۋاۋ جايلاشقان مىنداناۋ ئارىلى، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق ھەرىكەتلەر جەھەتتە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

ئاۋسترالىيە ئەمەلدارلىرى بۇ ئىككى كىشىنىڭ سەپەر جەريانىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن ياكى كۆرۈشمىگەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فىلىپپىن ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى، ماراۋى مۇھاسىرىسىدىن بۇيان مىنداناۋدا ھېلىھەم ھەرىكەت قىلىۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ يىللار ئىچىدە زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلىپپىن ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك فىرانسېل پادىلا ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «2024-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ھېچقانداق چوڭ تىپتىكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ياكى تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى خاتىرىلىمىدۇق...» دېدى.

ئۇ قوراللىق گۇرۇپپىلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، رەھبەرلىكى يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

پولكوۋنىك زېركىس تىرىنىداد مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئاتا-بالا ئىككىيلەننىڭ نويابىر ئېيىدىكى فىلىپپىندا ئۆتكۈزگەن ۋاقىتىنىڭ مۇھىم بىرەر تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تەلىم-تەربىيەنى ئاران 30 كۈندىلا ئالغىلى بولمايدۇ... بولۇپمۇ مەرگەنلىك تەلىم-تەربىيەسى ئالماقچى بولسىڭىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ