خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودىسىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېغىرلىقى بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسىنىڭ چوڭىيىشىغا قارىماي، ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا بولغان سودا زىيىنىنىڭ (قىزىل رەقىمى) نىڭ كېڭىيىشىمۇ دىققەتلەرنى تارتماقتا.
ئۆزبېكىستان 1991 - يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان سىياسىي، سودا ۋە ئىقتىسادىي باغلىنىشلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇزۇن يىللار روسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. روسىيە مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپلا دۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولدى.
لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا ئىقتىسادىي ۋە سودا جەھەتتىن كېڭىيىشنى تېزلەشتۈرۈشى خىتاينىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆزبېكىستانمۇ باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ تېز راۋاجلاندۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئۆزبېكىستاننىڭ 2015-يىلى ئەڭ كۆپ سودا قىلغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە روسىيە 24.5% لىك ئۈلۈش بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، خىتاي بولسا 12% لىك ئۈلۈش بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى. ئئەمدىلىكتە بولسا، تەڭپۇڭلۇق خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ ئۆزگەردى.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئۈلۈشىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ روسىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇمىي تاشقى سودىسىدىكى ئۈلىشى 2025-يىلى 21.2% گە يەتتى، روسىيەنىڭ ئۈلۈشى بولسا 16% تە قالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۆتكەن 10 يىلدا خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان تاشقى سودىسىدىكى ئۈلۈشى تەخمىنەن 1.77 ھەسسە ئاشقان بولدى.
بۇ مەزگىلدە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 7.4% ئېشىپ 41 مىليارد دوللارغا يەتتى. دۆلەتنىڭ ئېكسپورتى 8.8% تۆۋەنلەپ 15.9 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى، ئىمپورتى بولسا، 21% ئېشىپ 25.1 مىليارد دوللارغا يەتتى. تاشقى سودا زىيىنى 9.2 مىليارد دوللارغا يەتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى بولسا ئۆتكەن يىلنىڭ يانۋار-ئىيۇن مەزگىلىدە 6 مىليارد 850 مىليون 900 مىڭ دوللار بولغان بولسا، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 9 مىليارد 471 مىليون 300 مىڭ دوللارغا يەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەخمىنەن 38% ئاشتى، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇمىي تاشقى سودىسىدىكى ئۈلۈشى 23.1% گە ئۆرلىدى.
لېكىن ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا سوممىسىدىكى ئېشىشتا بولۇپمۇ ئىمپورتنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى دىقەتلەرنى تارتماقتا.
ئۆزبېكىستاننىڭ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا خىتايدىن قىلغان ئىمپورتى 39.3% ئېشىپ 8 مىليارد 47 مىليون 300 مىڭ دوللارغا يەتتى، خىتايغا قىلغان ئېكسپورتى بولسا 32.4% لىك ئېشىش بىلەن 1 مىليارد 424 مىليون دوللادا قالدى. ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى زىيىنى (قىزىل رەقىمى) 6 مىليارد 623 مىليون غا ئۆرلىگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.
خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىق، ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇمىي تاشقى سودا زىيىنى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد 623 مىليون دوللارلىق زىيان، ئۆزبېكىستاننىڭ 9.2 مىليارد دوللارلىق ئومۇمىي تاشقى سودا زىيىنىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىشى بىلەن تېخىمۇ بەك دىققەت قوزغىماقتا.



















