خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
«ۋال سترېت ژۇرنىلى»: «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون ئوتتۇرا شەرققە قوشۇمچە 9 مىڭدىن 10 مىڭغىچە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.»
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە «USS تېئودور روزۋېلت» ئاۋىئاماتكىسىنى ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى (ئارخىپ)

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە «USS Theodore Roosevelt» ئاۋىياماتكىسى ۋە يەنە بىر دېڭىز پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىسرائىلىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان i24 تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىر ئامېرىكالىق ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى ۋە ئىككىنچى دېڭىز پىيادە ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسىنى ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېدىئوت ئاھرونوت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نويابىردىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئىرانغا قايتا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«The Hill» گېزىتى بولسا، «USS Theodore Roosevelt»  ئاۋىياماتكىسىنىڭ رايوندىكى پاراخوتلارنىڭ بىرى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى يازدى.

ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە قوشۇمچە 10 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەرنى يولغا سالدى

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىگە ئۇچۇر بەرگەن ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارمۇ پېنتاگوننىڭ ئوتتۇرا شەرققە قوشۇمچە 9 مىڭدىن 10 مىڭغىچە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، «USS Theodore Roosevelt» ئاۋىياماتكىسى 27-سېنتەبىردە سان دىيېگودىكى ئاساسلىق پورتىدىن ئايرىلغان. دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرىنى توشۇيدىغان ئۈچ قوش ماكانلىق ھەربىي پاراخوتتىن تەركىب تاپقان «USS Makin Island» قوش ماكانلىق تەييارلىق گۇرۇپپىسىمۇ 28-سېنتەبىردە يولغا چىققان بولۇپ، نويابىرنىڭ ئاخىرىغىچە رايونغا يېتىپ بارىدۇ.

«USS Theodore Roosevelt»  ئاۋىياماتكىسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتىلگەن، بىر مەزگىلدىن كېيىن نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكاغا قايتقانىدى.

ئامېرىكانىڭ ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە «USS George H.W. Bush» ۋە «USS George Washington»ناملىق ئىككى ئاۋىياماتكىسى، شۇنداقلا تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكىرى بار.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى