تەكشۈرۈش دوكلاتى: غەززە قىرغىنچىلىقى جەريانىدا 100 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتتىن چىقىپ كەتتى
بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، دوختۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى ساپالىق كەسپىي خادىملارنىڭ ئىسرائىلىيەدىن چىقىپ كېتىش سانى «ئەندىشە قىلارلىق» دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى، ئەدلىيە ئىسلاھاتى ۋە ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2023-يىلىدىن كېيىنكى تەرەققىياتلارنى نۇقتا قىلغان ھالدا، يېقىنقى 15 يىلدىكى كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى تەخمىنەن 950 دوختۇر ئىسرائىلىيەدىن چىقىپ كەتكەن؛ قايتىپ كەلگەنلەرنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلىغاندا، بۇ سان 510 غا قىسقارغان.
دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەن دوختۇرلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئىسرائىلىيە تېببىي ئىنستىتۇتلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، بۇ نىسبەتنىڭ ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تەتقىقات ئىسرائىلىيە مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئالىي مائارىپ كېڭىشى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە باج ئىدارىسىدىن ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىپ، كۆچۈش، مائارىپ، ئىجازەتنامە ئېلىش ۋە كىرىم جەھەتتىكى يۈزلىنىشلەرنى ئانالىز قىلغان.
قايتىپ كېلىش كۆچىنىڭ ئاستىلىشى
تەتقىقاتتا 2023-يىلى ۋە 2024-يىلى تەخمىنەن 100 مىڭ ئىسرائىلىيەلىكنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تەخمىنەن 50 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇزۇن يىللىق نىسپىي مۇقىملىقتىن كېيىنكى بىر بۇرۇلۇشتىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
تەتقىقاتچىلار: «دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەنلەر ئارىسىدا دوختۇرلار، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە كىشىلەر ۋە باشقا ئاكادېمىكلار، ئىنژېنېرلار ۋە يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەردە كۆرۈنەرلىك ۋە ئەندىشە قىلارلىق ئېشىش بايقىدۇق» دەپ چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، قايتىپ كېلىش كۆچىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.
تەتقىقات نەتىجىلىرى ئايرىلغان دوختۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تەجرىبىلىك كەسپىي خادىملار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. تەتقىقاتتا، مەزكۇر ئېشىش داۋاملاشقان تەقدىردە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
تەتقىقاتچىلار بۇ يۈزلىنىشنىڭ دۆلەت ئۈچۈن «ئىنتايىن زور خەتەر» شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى خەۋپسىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە زەربىلەر كۆچۈش كۆلىمىدە تۇيۇقسىز ۋە كەسكىن ئۆرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.