خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەر كۈچەيدى
خىتاينىڭ «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان سابىق ئەمەلدارنىڭ ئۆلۈمى تور دۇنياسىدا غەزەپ دولقۇنى قوزغىدى؛ مەجبۇرىي توغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىلىرى قايتىدىن جانلاندى.
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەر كۈچەيدى
Peng Peiyun claps at the second Asian Women's Forum in Beijing, June 23, 2005 (FILE) / Reuters

خىتاينىڭ «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان سابىق ئەمەلدارنىڭ ئۆلۈمى تور دۇنياسىدا غەزەپ دولقۇنى قوزغىدى؛ دۆلەت چوڭقۇرلىشىۋاتقان نوپۇس كىرىزىسى بىلەن ئېلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مەجبۇرىي توغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرى قايتىدىن جانلاندى.

خىتاينىڭ «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىگە مەسئۇل سابىق ئەمەلدارنىڭ ئۆلۈمى، بۇ ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەدھىيەلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بۇ سىياسەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىشى بىلەن قارشى ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، 1988-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە «خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى»نىڭ رەئىسى بولغان پېڭ پەييۈننى ئاياللار ۋە بالىلارغا ئالاقىدار خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «مۇنەۋۋەر رەھبەر» دەپ مەدھىيەلىدى.

خىتاينىڭ ئاممىباب مىكروبىلوگى «ۋېيبو»دا بىر تورداش: «ئۇ يوقىتىلغان، يالىڭاچ بالىلار ئۇ دۇنيادا سېنى ساقلاۋاتىدۇ» دەپ يازدى.

خىتايدا 1980-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنغان، ھەر بىر ئەر-خوتۇننىڭ پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش مەجبۇرىيىتى، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاياللارنى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماس قىلىش ئوپېراتسىيەلىرىگە زورلىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى نوپۇسنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغانىدى. بىراق، ئۇزۇن مەزگىل دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بولغان خىتايدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى كېيىنچە ئاستىلىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۇدا ئۈچىنچى يىل ئازىيىش كۆرۈلدى.

ۋېيبودىكى بىر ئىنكاستا: «ئەگەر بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى 10 يىل بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولسا ئىدى، خىتاي نوپۇسى بۇنداق تۆۋەنلەپ كەتمەيتتى!» دېيىلدى.

2023-يىلى ھىندىستان نوپۇسى خىتايدىن ئېشىپ كەتتى؛ خىتاي نوپۇسى ئۆتكەن يىلى 1 مىليارد 390 مىليونغا چۈشۈپ قالدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئازىيىشنىڭ كەلگۈسى يىللاردا تېزلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا؛ 2025-يىلىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار كېلەر ئاي ئېلان قىلىنىدۇ.

پېڭ نوپۇس ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن، كومىتېت خىزمەتلىرىنى ئاساسلىقى يېزا رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى.

خىتاينىڭ يېزا رايونلىرىدا بىر ۋاقىتلاردا كۆپ پەرزەنتلىك چوڭ ئائىلىلەر، قېرىغاندا بېقىلىشنى ئويلايدىغان ئەر-خوتۇنلار ئۈچۈن مۇھىم تايانچ دەپ قارىلاتتى. نەسىل داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوغۇل بالىلار ئەتىۋارلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال قىز بوۋاقلارنىڭ تاشلىۋېتىلىشىگە، ھەتتا تۇغۇلماي تۇرۇپ ئالدۇرۇۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغانىدى.

ۋېيبودا يەنە بىر تورداش: «ئەگەر ئۇلار تۇغۇلغان بولسا ئىدى، ئۇ بالىلار ھازىر 40 ياشلارغا كىرگەن، ھاياتىنىڭ باھارىدا ياشاۋاتقان بولاتتى» دەپ يازدى.

2010-يىللارغا كەلگەندە، پېڭ قاراشلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى بوشىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى. نۆۋەتتە بېيجىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەن تۇغۇت نىسبىتىنى بالا بېقىش ياردەم پۇلى، تېخىمۇ ئۇزۇن تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە باج ئېتىبارلىرى ئارقىلىق ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

نوپۇسنىڭ ئازىيىشى ۋە قېرىلىشىشى، دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىدە ئەمگەك كۈچىنىڭ قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتتى. بولۇپمۇ ياشانغانلارنى كۈتۈش ۋە پېنسىيە چىقىملىرىنىڭ ئېشىشى، ئاللىبۇرۇن قەرزگە بوغۇلغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن قوشۇمچە مالىيە بېسىمى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز